قازاقىستاننىڭ رەسمىي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەملىكەت مىللىي بانكىنىڭ رەئىسى دانىيار ئاقىشېفنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 167. 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستاننىڭ خىتايغا قەرزى 12. 5 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىپ، خىتاي قازاقىستان قەرز بولغان مەملىكەتلەرنىڭ ئىچىدىن تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپچىلىكى خىتاي ئىلگىرى سۈرگەن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان مۇھىم بىر ماۋزۇغا ئايلانغانلىقىنى، يۇقىرىدا ئاتالغان قەرزنىڭ ئەنە شۇ ئىستراتېگىيە يۆنىلىشىدىكى كۆپلىگەن لايىھەلەر سەۋەبىدىن يەنىمۇ كۆپىيىش مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جۇمھۇرىيەتلىرىگە نىسبەتەن مەزكۇر لايىھە بويىچە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئەڭ ئاكتىپ دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستاننىڭ «ئېلانا.كز» تور بېتىدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاياقلىرىدا ئېلان قىلىنغان «‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› نىڭ ئەگرى-توقايلىرى» ناملىق ماقالىدا قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىش نىيىتىدە خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ مەملىكەتكە كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشكە باشلىغانلىقى، ئۇلارغا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ يېنىكلەشتۈرۈلگەنلىكى، شۇنداقلا ئايروپىلانلاردا خىتايلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، ئاستانا شەھىرىدىكى «بېيجىڭ سارىيى» مېھمانخانىسىنىڭ خىتايلارغا لىق تولغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان ئىدى.
قازاقىستان خىتاينىڭ قەرزىنى قانداق قايتۇرماقچى؟ ئومۇمەن قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزى مەملىكەتنى نېمىگە ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ ھازىرقى كۈندە كۆپلىگەن قازاقىستانلىقلارنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىلەردىن بولۇپ قالماقتا.
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى فوندى يېنىدىكى دۇنياۋى ئىقتىساد ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتلىرى پروگراممىسىنىڭ باشلىقى رۇسلان ھېزىموفنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق، شۇنىڭ ئىچىدە مەبلەغ مەسىلىسى ئىنتايىن ئىنچىكە مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بولۇپمۇ كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىنى خىتاي ئىقتىسادى بىلەن مۇستەھكەم باغلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئەگەر ئوچۇقىنى ئېيتىدىغان بولساق، بۇ بىزنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن بولۇشنى خالىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئامالسىزلىقتىن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز يولىنى تاللىۋالدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان خىتاي بىلەن ئومۇمىي چېگراغا ئىگە بولغانلىقتىن، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ خىتاي تەرەپتىن زۆرۈر بولغان تاۋارلارنىڭ كىرىشىگە يول ئاچقان ئىدى. يىللار ئۆتۈشى بىلەن بۇنىڭ كۆلىمى ئۆسۈپ، ھازىر خېلى ئۆزگەردى. باشتا قازاقىستاننىڭ خىتايغا كۆپلەپ كىرگەن خام ئەشياسى ھەققىدە گەپ قىلغان بولساق، ھازىر بىز خىتاي مەبلەغلىرى، خىتاي تېخنولوگىيىلىرى ئارقىلىق زاۋۇتلارنى، كارخانىلارنى قۇرۇپ، چوڭ ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەگەر مەبلەغ مەسىلىسىگە كېلىدىغان بولساق، لايىھەلەرنىڭ بېسىم كۆپى خىتاينىڭ كۈچلۈك خىراجىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ».
رۇسلان ھېزىموف بۇ جەھەتتە خىتاي قەرزى قانداق قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئەلۋەتتە، ھازىرقى ۋاقىتتا ھېچ كىم بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى شەرت شۇنداقكى، بۇ قەرزلەرنى يۈئەندە ياكى مىلياردلىغان دوللاردا قايتۇرۇشنىڭ خىتاي ئۈچۈن ھاجىتى يوق. كۆپلىگەن كرېدىتلار، مەسىلەن، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا كانلارنى ئىگىلەش، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن، تاجىكىستاندا بولسا تاغ-كان ئىشلىرى بىلەن باغلىق. يەنى، ئالتۇن ۋە باشقىمۇ قىممەت باھالىق مېتاللارنى قېزىپ چىقىرىش ئۈچۈن خىتاي كرېدىت بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ يىللار داۋامىدا ئىشلىنىپ چىققان ئىستراتېگىيىسى. شۇنى ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى، بۇ يەردە بىز، ئەلۋەتتە، خىتايغا قارىغاندا ھېچ نەرسە ئۇتۇۋالالمايمىز».
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلئوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ئۇنىڭ تاشقى قەرزلەرگە بوغۇلۇشى مەملىكەتنىڭ بېقىندىلىققا يۈزلىنىشىگە، ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ يوقىتىلىشىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى بويىچە قازاقىستانغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «كېيىن بىزگە ھېساب-چوت كېلىدۇ. بىز بۇ قەرزلەرنى تۆلىيەلمەيمىز، چۈنكى بىزنىڭ پۇلىمىز ئەنە شۇ قەرز ئالغان بانكىلارغا سەرپ قىلىنىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بانكىلار قازاقىستان خەلقىنىڭ، شۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى ئايرىم دائىرىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ. بىز بارلىق قازاقىستان بانكا سىستېمىسىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئورنىغا ئەنە شۇنداق مەنپەئەتتىكى بانكىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ سىستېمىنى يوقىتىشقا يول قويۇۋاتىمىز. بۇنىڭ ئارقىلىق بىز خىتاي، رۇسىيە، باشقىمۇ مەملىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېلىمىزگە كىرىپ كېلىشىگە مۇمكىنچىلىك بېرىمىز. يەنى بىز قولىمىزدىكى بار نەرسىنى ساقلىيالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالىمىز. دېمەك بىز ئۆز پۇقرالىرىمىزنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلىمىز دېگەن سۆز».
غالىم ئاگېلېوف قازاقىستاننىڭ سىرتقا قەرزدار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قازاقىستان دۆلىتىنىڭ، ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە مىللىي مەنپەئەتلەرنى قوغدىشى لازىملىقىنى، مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى، باشقۇرۇش ۋە سوت سىستېمىسىنى تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى، ئەلنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئىسلاھاتلار يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مەملىكەتتە ھەقىقىي رىقابەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ، باراۋەرلىكنى تەمىنلەشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئومۇمەن دۆلەت تەرەققىياتىنى ئارقىغا سۈرۈۋاتقان بارلىق ئادالەتسىزلىكلەرنى يوقىتىشنىڭ ۋاقتى يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.