ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ قازاقىستاندا كەڭ تونۇلۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىللارنىڭ بىرى «ياشلىق» گۇرۇپپىسىدۇر. ياۋروپا ئىستىلىدىكى مەزكۇر ئانسامبىل ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستان سەنئەتخۇمار تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. بۇ ئۆمەك ئاتاقلىق خەلق ھاپىزى ئابدۇرەھىم ئەخمىدىنىڭ ئوغلى مۇرات ئەخمەدىيېف يېتەكچىلىكىدە شۇ دەۋردە پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدىمۇ كەڭ تونۇلدى. ئۇنىڭ تەركىبىدە دەسلەپتە يالقۇنجان شەمىيېف، ئازاد رەزەموف، قەھرىمان ئىمىنوف، كېيىنكى يىللىرى مۇرات مەمەتباقىيېف، ماھىگۈل توختاخۇنوۋا، گۈلنارە سايىتوۋا، ئەزىز مەسىموف، ئابلەھەت ئىسلاموف، گۈلباھار ئەخمەدىئېۋا، رۇسلان توختاخۇنوف ئوخشاش كۆپلىگەن سازەندىلەر، ناخشىچىلار بولدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئانسامبىل تەركىبى ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن بىر نەچچە قېتىم يېڭىلىنىپ، 1996 - يىلدىن تارتىپ ئۇنى م. ئەخمەدىيېفنىڭ ئوغلى دىلشات ئەخمەدىيېف باشقۇردى. يادىكار شەمىيېف، دىلناز ئەخمەدىيېۋا، بەختىيار ھاسانوف باشچىلىقىدىكى بۇ ئانسامبىل بولۇپمۇ توقسىنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تا 2000 - يىللارنىڭ باشلىرىغىچە پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ مىللەت تاماشىبىنلىرى ئارىسىدا چوڭ ئابرۇي قازانغان ئىدى.
ھازىر قازاقىستانلىق تاماشىبىنلار ئارىسىدا مەزكۇر سەنئەت گۇرۇپپىسى ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەر مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلىرى ئۇنىڭ ئۆز پائالىيىتىنى توختاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، بەزىلىرى بۇ گۇرۇپپىنىڭ قايتا سەھنىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى،«ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ دەسلەپكى ئەزالىرىدىن بىرى يالقۇنجان شەمىيېفنىڭ پىكرىچە، مۇرات ئەخمەدىيېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئانسامبىلنىڭ ئىشى يېڭى تەركىبتە 90 - يىللىرى قايتا جانلانغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «مۇرات بالىلىرىمىز بولسىمۇ ناخشا ئېيتسۇن دەپ، ئۆزىنىڭ بالىلىرى، مېنىڭ بالام يادىكار، گۈلنارە سايىتوۋانىڭ بالىسى بەختىيار ئانسامبىل ئىشىنى ماڭدۇرۇپ، قازاقىستانغا يەنە تونۇلدى. ئۇ " ئاسىيا ئاۋازى" غا ئوخشاش سەنئەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، مۇكاپاتلارنى ئالدى. مېنىڭچە، بىر ئانسامبىلنى داۋام قىلغۇچىلار ئۇنى قۇرغانلاردەك تۇتالمايدىكەن. مەن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم. چۈنكى بىز ئۆزىمىز قۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ جان - دىلىمىز، قېنىمىز شۇ ئانسامبىل بىلەن بولغان. ھازىرقى كۈندىمۇ ئۇلار تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ئەۋلاد كېلىش كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
ي. شەمىيېف ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇ بالىلارنىڭ يېشىنىڭ 40 تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ بىرى دىلناز ئەخمەدىيېۋانىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپ، قازاقىستاندىكى داڭلىق سەنئەت يۇلتۇزىغا ئايلانغانلىقىنى، شۇنداق تالانتلارنىڭ يەنىمۇ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەمدى بۇ ئانسامبىل ھەققىدە ياشلار نېمە دەيدۇ؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياركەند گۇمانىتارلىق - تېخنىكىلىق تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مولۇتجان توختاخۇنوف «ياشلىق» ئانسامبىلى مەيدانغا كېلىپ، ھەر قېتىمدا ئۇنىڭ تەركىبى يېڭىلانغاندا ھەم چوڭلار بولسۇن، ھەم ياشلار بولسۇن بۇ سەنئەت گۇرۇپپىسىغا چوڭ ئۈمىدلەر ئارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ توپ ئۆزلىرىنىڭ ئاز، لېكىن ساز يېزىلغان ناخشىلىرى تۈپەيلى پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاندا كەڭ تونۇلغان توپلاردىن بولالىغان. بىراق كېيىن يوقاپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەلۋەتتە، ياش ئەۋلاد ئۇلارنىڭ قايتا كېلىشىنى ئارمان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن بىر يىل مۇقەددەم " ياشلىق" توپىنىڭ قايتا قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق، بىراق ئۇلار ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىغا تونۇپ بولالمىدى. ياشلار ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى قانچىلىك ئاممىباب بولغان بولسا، ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ، سەھنىگە چىقمىغان بولسىمۇ، ياش ئەۋلادنىڭ قەلبىدە ئۇلار ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»
شائىرە ۋە ئالىمە شائىرەم باراتوۋا بولسا، شەخسەن ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن «ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى سۆيۈپ تىڭشاپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۆزى ئوخشاش ياشلارنى ھەر جەھەتتىن روھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ياشلىق - ئۇ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىدە ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەپ، قەدىمىي مىراسىمىزنى ئۆزگە مىللەتلەرگە تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان دەسلەپكى ئېسترادا ئانسامبىلى ئىكەنلىكى مەلۇم. ھازىرقى ۋاقىتقا قەدەر ئانسامبىلنىڭ ئۈچ ئەۋلادى قېلىپلىشىپ ئۈلگۈردى. راست، ھەر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس يېڭىلىقى، ئۆزگىرىشى بولىدۇ. جۈملىدىن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ ئانسامبىلنىڭ تەركىبىمۇ، مەزمۇنىمۇ يېڭىلاندى. ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋەكىللىرى ئاتاپ ئۆتكەن ئاكىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى داۋاملاشتۇرغان ھالدا زامانغا مۇۋاپىقلاشقان تۈردە ئىجادىي ئەمگەك ئېتىپ كەلدى. "ياشلىق" ئانسامبىلىنى تەشكىللىگەن، يېڭىچە ئانسامبىلنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ھۆرمەتلىك ئاكىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىجادتا جۇشقۇنلۇق، سىلەر دائىم خەلقىنىڭ دىققىتىدە دېمەكچىمەن.»
0:00 / 0:00