قازاقىستان ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولغاندەك، مەملىكەتنىڭ يەر قانۇنىدا يېزا ئېگىلىكى يەرلىرىنى چەتئەللىكلەرگە ئون يىللىق ئىجارىگە بېرىش قاراشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جامائەتچىلىك ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ئىدى. كۆپلىگەن شەھەرلەردە نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش پىلانلىنىپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى قانۇن قوغداش ئورگانلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى، ئۇنىڭ بەزى قاتناشقۇچىلىرى قولغا ئېلىندى.
قازاقىستاندا يەر قانۇنى بويىچە ھەر قانداق قازاقىستانلىق يەرنى سېتىۋېلىش ۋە ئىجارىگە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە ئىمتىيازلارمۇ بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەمدى يەرنى پەقەت بەلگىلەنگەن قەرەلگە ئىجارىگە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە چەتئەللىكلەر ئۈچۈن مۇنداق ئىمتىيازلار قاراشتۇرۇلمىغان. شۇنداقلا چەتئەللىكلەردىن قازاقىستان قانۇنلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىش، يەنى يەرنى مەملىكەتنىڭ قائىدىلىرىگە مۇۋاپىق ئىشلىتىش ھەم قەرەلىدە قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان ئەنە شۇ يەرنى چەتئەللىكلەرگە ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى تالاش - تارتىشقا چۈشۈپ، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم تور سەھىپىلىرىدە بۇ ھەقتە بىر - بىرىگە ئوخشىمىغان كۆپلىگەن ئىنكاسلار ئېلان قىلىنغان ئىدى. بولۇپمۇ مىللەتچى، ۋەتەنپەرۋەرلەر ھۆكۈمەتتىن ئەنە شۇ يەرنى ئىجارىگە بېرىش بويىچە بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئېنىقلىنىشىنى ھەم قايتا قارىلىشىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەر قانۇنىغا ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. يەرنى ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىگە ئائىت مۇلاھىزىلەردە مۇتەخەسسىسلەر كۆپرەك قازاقىستانغا قوشنا خىتاينى تىلغا ئالماقتا.
«سېنتىر ئازىيا» تور بېتىدە 29 - ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان مۇتەخەسسىس ۋىتالىي ۋولكورفنىڭ «قازاقىستاندىكى يەر مەسىلىسى: چېكىتمۇ ياكى كۆپ چېكىتمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەر قانۇنىغا ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، بۇ مۇشۇ يىلنىڭ 1 - ئىيۇل كۈنى كۈچكە ئىگە قىلىنىشى لازىم ئىدى. ئامما ئالىي كېڭەش سېناتى بۇنى مۇشۇ يىل 31 - دېكابىرغا قالدۇردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىياسەتشۇناس پيېتر سۋويىك مۇنداق دەپ يازىدۇ: «دائىرىلەر نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېشىدىلا مەملىكەتتە يەر مەسىلىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. كېيىنىرەك، جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ مۇنداق مەسىلىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى ھەم 75 كىشىدىن ئىبارەت يەر كومىسسىيىسىنى قۇردى. ئامما ئۇنىڭ تەركىبىگە ۋە ئېلىپ بارغان ئىشىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ھاكىمىيەتكە بېقىندى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات پەقەت نارازىلىق كەسكىنلىكىنى بېسىشقا قارىتىلغان، باشقا ھېچ ئىش يوق. دائىرىلەر ئۇزۇندىن بۇيان يەرنى خۇسۇسلاشتۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن بەنت بولغان ئىدى. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلار مەسىلىنىڭ مۇشۇنداق خۇسۇسلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە بارا - بارا ھەل بولىدىغانلىقى توغرىلىق خىتاي شېرىكلىرىگە مەلۇم بىر ۋەدىلەرنى بەرگەن.»
پ. سۋويىك ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق نارازىلىقلارنىڭ بولۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز نىيىتىدىن قايتقانلىقىنى، بۇ قېتىمدىمۇ خۇددى شۇنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى، ئامما خىتايغا بەرگەن ۋەدىسىدىن قايتمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «لىبېرتى» ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى غالىم ئاگېلېئۇئوف قازاقىستاندا يەرنى چەتئەللىك كومپانىيەلەرگە ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىدە بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاينىڭ كۆزدە تۇتۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرىنى ئورنىتىدىغان بولىدۇ. سۆزسىز خىتاي شەھەرچىلىرى بولىدۇ. شۇنىڭغا مۇۋاپىق بىزمۇ ئۇلارنىڭ تەرتىپلىرى بويىچە ياشايدىغان، يەنى ئۇلارنىڭ مەھكىمىلىرىدە ياكى ئېتىزلىرىدا ئىشلەيدىغان بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا بېقىندا بولۇپ قالىمىز.»
غ. ئاگېلېئۇئوف بۇ يەردە خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە ھاكىمىيەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىگە جاۋابكارلىق بىلەن قارىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەملىكەتلىك تىل قازاق تىلىنى ئۈگىنىشكە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ھازىرچە ئانچىمۇ بايقالمايۋاتقانلىقىنى، مۇبادا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەھەرچىلىرىنى قۇرىدىغان بولسا، ئۇ يەرلەردە پەقەت ئۆز تىلى ۋە ئەنئەنىلىرى بويىچە ياشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھازىر قازاقىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان يەر مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلاردىن، بولۇپمۇ مىللەتچى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ بىرىنچى ئورۇندا قازاقىستان يېرىنى چەتئەللىكلەرگە ساتماسلىق ۋە ئىجارىگە بەرمەسلىك تەكلىپىنى بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇلار بولۇپمۇ خىتاي ئوخشاش مەملىكەتلەرگە يەرنى ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى، بىرىنچى ئورۇندا بولسا، قازاقىستان يېرىنىڭ پەقەت قازاقىستانلىقلارغا خىزمەت قىلىشى لازىملىقىنى، قازاق خەلقىنىڭ ئۆتمۈشتىن ئۆز زېمىنى ئۈچۈن كۈرىشىپ كەلگەنلىكىنى، يەرنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن بىردىن - بىر بايلىق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالىنىڭ پىكرىچە، ھازىر خىتايدىكى يەرلەرنىڭ تۆرتتىن بىر قىسمى يېزا ئېگىلىكى پايدىلىنىشىدىن چىقىپ كەتكەن يەرلەر بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى خىتايلارنىڭ بۇ يەرلەردىن كۆپرەك ھوسۇل ئېلىش مەقسىتىدە خىمىيىلىك دورىلارنى ھەددىدىن تاشقىرى ئىشلىتىشى، شۇنىڭ سەۋەبىدىن يەرلەرنىڭ بىر نەچچە يىللارغىچە يارامسىز بولۇپ قالغانلىقى بىلەن باغلاشتۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئۇلار قازاقىستانغا كېلىپ شەخسىي يېزا ئېگىلىكى بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى ئىجارىگە ئالسۇن، بۇ ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. نېمىشقا مەن بۇنى ئىككىنچى مەسىلە دەپ قاراۋاتىمەن، چۈنكى ئۇلار مەيلى يەرنى ئەجايىپ ۋە مول - ھوسۇل بىلەن ئىشلەتسىمۇ بۇ مەسىلىنى كۆتىرىشكە بولمايدۇ. قازاقىستاندا يەرنى چەتئەللىكلەرگە ھەتتا قىسقا مۇددەتكە بولسىمۇ ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ تېگىدە ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە مۇستەقىللىق مەسىلىسى ياتىدۇ. ئىجارىگە ئالغان يەرنى خىتاي ھېچقاچان قايتۇرمايدۇ. بۇنى ئەستە ساقلاش كېرەك. يەرنى چەتئەللىكلەرگە ئىجارىگە بەردى دېگەن سۆز دېمەك ئۆز يېرىڭنى ياتقا تاپشۇردۇڭ دېگەن سۆزدۇر.»
ر. جۇمالى ئۆزىنىڭ يەر مەسىلىسىنى كۆپ ئۈگەنگەنلىكتىن، بىر دۆلەتنىڭ يېرىنى ئىككىنچى بىر دۆلەتكە قىسقا مۇددەتكە بولسىمۇ ئىجارىگە بېرىشنىڭ مەملىكەت مۇستەقىللىقىنى، خەلقنى ساتقانلىق بىلەن تەڭلەشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان چۈشەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يېقىن ئارىدىكى يەر مەسىلىسى بويىچە تالاش - تارتىشلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، يەر قازاق خەلقى ئۈچۈن ھېچقاچان خۇسۇسىي مۈلۈك بولمىغان، بەلكى ھەرقاچان بىرىنچى بايلىق بولۇپ كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، قازاقلار يەرنى ناھايىتى قەدىرلەپ، ھەتتا ئۇنى ئانا بىلەن سىمۋوللاشتۇرغانلىقتىن، ئۇنى سېتىش ۋە ياكى ئىجارىگە بېرىشكە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئەمدى يەرنى خىتايغا سېتىش ياكى ئىجارىگە بېرىش ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «يەرنى خىتايغا ساتسا ياكى ئىجارىگە بەرسە، بىرىنچىدىن، خىتايلار يەرنى ناھايىتى دەھشەتلىك ئېزىدۇ. ئىككىنچىدىن، ھەددى - ھېسابسىز ئوغۇتلارنى ئىشلىتىپ، يەرنى زەھەرلەيدۇ ھەم ئۇ يەردىن ئالغان زەھەرلىك ئوزۇق - تۈلۈكنى قازاقىستانلىقلارغا ساتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، يەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىچىكىرىدىن خىتايلارنى كۆپلەپ ئېلىپ كېلىدۇ ھەم ئۇلار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق يەرلىشىشكە باشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مۇشۇنىڭ ئارقىلىق خىتاي قازاقىستاننىڭ سىياسىتىگە تەسىر قىلىدۇ.»
0:00 / 0:00