قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتىنى خۇشاللىق ئىلىكىدە كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00

زۇلفىيە كەرىموۋا خىتاي ۋە باشقا مەملىكەتلەردە ئورۇن ئېلىۋاتقان دىنىي كەمسىتىشلەرنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، تېگىشلىك چارىلەر كۆرۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

1-سېنتەبىردە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مەملىكەتتە ياشاۋاتقان باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسلام دىنىدىكى چوڭ بايراملارنىڭ بىرى قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى. بۇ كۈنى سەھەرلىكى ھەر قايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرگە جەم بولغان مۇسۇلمانلار ھېيت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىشكە تېگىشلىك ئەمەللەر ۋە ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەلىم ئالدى.

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ مەسچىتىگە جەم بولغان مۇسۇلمانلارمۇ قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولۇشى بىلەن بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى ھەم ناغرا ساداسىغا ئەگىشىپ، ئۇسسۇلغا چۈشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەسچىتنىڭ نائىب ئىمامى گۈلباخىت قانات پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىنى قۇربان ھېيتى بىلەن مۇبارەكلەپ، مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزگە ئاللاتائالا خاتىرجەملىك، ياخشىلىق، تىنچلىق نېسىپ قىلسۇن. ئېلىمىزدە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق بولسۇن. قازاقىستاندا بارلىق خەلقلەر ئۆزلىرى خالىغان دىنغا ئەركىن ئېتىقاد قىلالايدۇ، ئۆزلىرى خالىغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلىيالايدۇ. بۇنىڭغا چەك قويۇلمايدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا، شۇنداقلا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ۋە جامبۇل ناھىيىلىرىدە زىچ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جەمئىي 250 مىڭ ئادەمنى تەشكىل قىلىدۇ. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان مۇسۇلمان ئەھلى جايلاشقان بارلىق شەھەر ۋە يېزىلاردا مەسچىتلەر قەد كۆتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئەركىنلىك بېرىلگەن ئىدى.دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى قۇربانجان مۇسەللىموف ئىلگىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىدىن، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، كوممۇنىستىك ئىدىيەنىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ شۇنداقلا پەقەت مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىنلا خەلقنىڭ تىل، دىن ئەركىنلىكلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز مەملىكىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارنى بۈگۈنكى قۇربان ھېيتى بىلەن چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز ۋە ئائىلىۋى خاتىرجەملىك، سالامەتلىك تىلەيمىز. يۇرتىمىزدا، جۇمھۇرىيىتىمىزدە تىنچلىق بولسۇن. بۇ قۇربان ھېيتى بايراملا بولۇپ قالماستىن، بۇنىڭدا يۇرتىمىزنىڭ نامرات ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى يوقلاش، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يورۇتۇش كەبى ئېسىل خىسلەتلەرمۇ بار.»

قۇربانجان مۇسەللىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى رامزان ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى مەزگىلىدە يۇرتلاردا تۇرمۇشى ناچار ئائىلىلەرگە، مەجرۇھ بالىلارغا، يېتىم-يېسىرلارغا ئاتاپ ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇنىڭغا جاي-جايلاردىكى مەسچىتلەر بىلەن بىر قاتاردا يۇرت-جامائەتچىلىك، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، ھامىيلار، ياشلار ۋە باشقىلار ئاكتىپ ئارىلىشىپ كەلمەكتە.

ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان «ئېھسان» دىنىي ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى سەدىردىن ھاجىم پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى بۇ بايرام بىلەن تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزدە، مۇشۇ ئۇلۇغ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايراملىرىدا چەت ئەللەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىز بار. شۇ مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزغا سەۋرى تىلەيمەن ھەم مۇشۇ ھېيت بايراملىرىدا كۆڭلى خۇشاللىققا تولسۇن، يۈرەكلىرى ئىمانغا تولسۇن. ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە بولسىمۇ زالىملار زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز بار. شۇ قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ سەۋرى تىلەيمەن.»

قازاقىستانلىق تارىخچى زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر بولۇپمۇ كوممۇنىستىك پارتىيە باشقۇرۇۋاتقان خىتاي ھەم ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى تېررىتورىيىلەردە دىن ئەركىنلىكى قەتئىي ھالدا چەكلەنمەكتە. بۇ بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش ۋە رامزان ھەم قۇربان ھېيتلىرى مەزگىللىرىدە ئاشكارىلانماقتا. بۇ ھەقتە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

ئۇ، يېقىندا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇربان ھېيتىدا مەسچىتتە دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇشنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ھەيرانلىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ، بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش. چۈنكى مەن ئۆزۈم ياشاۋاتقان دېموكراتىك قازاقىستاندا مۇنداق ئىشلارغا يول قويۇلمايدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قارشى چىقىدىغان، ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ھەرىكەت، قائىدە-قانۇندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ھەر قانداق خەلقنىڭ قائىدىلىرىنى، ئەنئەنىلىرىنى ھۆكۈمەت ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن.»

زۇلفىيە كەرىموۋا خىتاي ۋە باشقا مەملىكەتلەردە ئورۇن ئېلىۋاتقان دىنىي كەمسىتىشلەرنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، تېگىشلىك چارىلەر كۆرۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.