قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى: «بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىغا موھتاج»
2019.01.15

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ ئۆتۈشى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە يېڭى روھ بېغىشلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان ئىنكاسلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىگە قارشى ھىندونېزىيە، تۈركىيە، بانگلادېش قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى نامايىشلار بىلەن بىر قاتاردا قىرغىزىستان، رۇسىيەدە ئۆتكەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق تەۋرەتكەن ئىدى. بۇ ھەقتە بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تورلاردا ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ئۈزلۈكسىز بېرىلىپ تۇرماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مۇراجىئەت قازاقىستاندىكى ئىجتىمائىي تورلاردا تېز ئارىدا تارقالغان. دولقۇن ئەيسا بۇ مۇراجىئىتىدە ئۇيغۇرلار ئېغىر زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئويغىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېككە ئوخشاش مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا جازا لاگېرلىرىغا قارشى كۈرەشتە بىرلىشىشكە چاقىرغان. ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سۈكۈت قىلماي، بەلكى ئاكتىپ ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئادىلە مەسۈمجان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كېلەچەكتە ئۆز خەلقىگە قوشالايدىغان تۆھپىسىنىڭ مۇھىملىقىنى، ياشلاردىن كۈتۈلىدىغان ئۈمىدنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەدەنىيەتنى، مائارىپىنى، تىلنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرىدۇ. ئۇ شۇنداقلا جازا لاگېرلىرىدا ياتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا بىپەرۋا بولماسلىقىمىزنى تەكىتلەيدۇ. بىز ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياشلارغا چۈشەندۈرۈپ، كۈرىشىمىزنى داۋام قىلىشىمىز كېرەك.»
ئادىلە مەسۈمجان بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق باشقىمۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف ۋە د ئۇ ق نىڭ مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن ھىندونېزىيەنىڭ قازاقىستاندىكى باش كونسۇلىغا مەكتۇپ يوللىغان ئىدى. ئۇنىڭدا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە ئۇلارنىڭ ئېلىدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن زەرداب چەككەنلەرگە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار نامىدىن تەزىيە بىلدۈرۈلگەن. مەكتۇپتا يەنە جاكارتا ۋە باشقىمۇ شەھەرلەردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمانلارنى قوللاش نامايىشلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ سىياسەتنى بۈگۈنگىچە توختاتماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە بىز ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ قوللىشىغا موھتاجمىز. مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، نامايىشلار ئۆتتى. بۇنىڭ ناھايىتى ئىجابىي تەسىرى بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق ئۇ ياققا باياناتلارنى يازغان. بىزمۇ قازاقىستاندا ھىندونېزىيەنىڭ باش كونسۇلىغا مەكتۇپ يازدۇق. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ۋەزىيەت بار. قازاقىستاندا «ئاتا جۇرت» دېگەن تەشكىلات قۇرۇلۇپ، ئۇ خىتاينىڭ سىياسىتىنى پاش قىلىۋاتىدۇ. ئەگەردە ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسى مۇشۇنداق قوزغىلىدىغان بولسا، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى يېپىشقا چوقۇم مەجبۇر بولىدۇ.»
تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماخمۇدوفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈۋاتقان خەلقلەرنىڭ سانى پەيدىن-پەي كۆپەيمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش مەملىكەتلەر كۆپ ھەرىكەتلەرنى قىلدى. ئەمدى قوشنا مەملىكەتلەرگە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. چۈنكى مەملىكەت بولغانلىقتىن ئۆز كېلەچىكىنى ئويلايدىغان گەپ. ئەمما بىز قانداقلا بولمىسۇن مەملىكەتنىڭ، خەلقنىڭ قوللىشىغا موھتاج. بىز مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئەركىن ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بىزمۇ چوڭ نامايىشلارنى قىلغۇمىز كېلىدۇ. بىراق ئىككى چوڭ مەملىكەتنىڭ سىياسىتىگە ئارىلىشالمايمىز. ئەمما يۈرىكىمىزدە ئېچىنىمىز. بىز پەقەت ياخشىلىقلارغا ئۈمىد قىلىپ ياشاۋاتىمىز».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى گۈلۋەرەم مەمەتتوختىيېۋا قازاقىستاندا چوڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى ۋە يۈرىكىنىڭ دائىم ئۇلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى خىتاي بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقتىن، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ مەملىكەتلەرگە سېلىۋاتقان ھېسابسىز مەبلەغلىرى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن ياخشى قوشنىدارچىلىق ئالاقىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر ئىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلىشى بەزى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىمۇ بىئارام قىلماقتىكەن ھەمدە يەرلىك ئاھالىنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئەركىن ئىزھار قىلىشىغا توسالغۇ بولماقتىكەن.