قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان بۇ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەنھەرىكەتنىڭ بوكس، «كىكبوكسىڭ»، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، «كاراتې»، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، چامباشچىلىق، «خوككېي»، يەنى مۇز توپ ئويۇنى ۋە باشقىمۇ تۈرلىرى ئۇچرايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ياشلىرى تەنھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىمۇ كۆرۈنۈشكە باشلىغان. يېقىندا جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى» دە تەنھەرىكەتنىڭ ئەنە شۇنداق تۈرلىرىنىڭ بىرىگە قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي تورلاردىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان رامىل ئابلىزوف ھەققىدە ماقالە بېرىلگەن ئىدى. بىز رامىل ئابلىزوف بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرى بىلەن قاچاندىن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، قانداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى ھەمدە كېلەچەككە قانداق پىلانلارنى كۆزلەۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.
رامىل ئابلىزوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ «ۋوركائۇت» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، يەنى تورنىكتا ئېسىلىپ، ھەرىكەت قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ۋوركائۇت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا ئالتە يىلدىن ئېشىپ كەتتى. تورنىكتا تارتىلىشنى ئۆزۈم ئۆگەندىم. 2016-ۋە 2017-يىللىرى شەھەرلىك، جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەردە ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئىگىلىدىم. بۇ تەنھەرىكەت تۈرى قازاقىستاندا ئاخىرقى تۆت-بەش يىل ئىچىدە كۈچەيدى. مېنىڭ دوستلىرىم بۇ تەنھەرىكەت تۈرى بىلەن تونۇشتۇردى.»
رامىل ئابلىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ھازىرچە جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋاتقانلاردىن بىر ئۆزى ئىكەن. رامىل ئابلىزوف تەنھەرىكەتنىڭ باشقا تۈرلىرىدىن تونۇلۇپ كېلىۋاتقان ياش بوكسچى، قازاقىستاننىڭ «ئاستانا-ئارلانس» كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دىلمۇرات مىجىتوف بىلەن ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بوكس بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىلمۇراتتىن چوڭ ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
19 ياشلىق رامىل ئابلىزوف ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇئەللىملەر بولۇپ، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىدىن ئىكەن. رامىل ئابلىزوف ئالمۇتا شەھىرىدە رۇس مەكتىپىنى تاماملاپ، شەھەردىكى «بانزاي» تەنھەرىكەت كۇلۇبىدا ۋوركائۇت، يەنى تورنىك ئويۇنى بويىچە ترېنېرلىق قىلىپ كەلمەكتە. رامىل ئابلىزوف ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە قىزىقىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تورنىكتا ئېسىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنى ئىجرا قىلىشنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كېلەچەكتە ۋوركائۇت بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشنى كۆزلەپ، بۇنىڭغا جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەنھەرىكەتنىڭ بوكس تۈرى بويىچە كۆپرەك شۇغۇللىنىدىكەن. ھازىر ئۇيغۇرلار جايلاشقان كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلاردا مەخسۇس بوكس كۇلۇبلىرى ئېچىلىپ، ياشلارنى تەربىيىلەش بويىچە ئىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەنە شۇنداق كۇلۇبلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىغا ئورۇنلاشقان. شۇ كۇلۇبتا ترېنېرلىق قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرئەخمەت رازىيېف ئۆزى 1976-يىلدىن تونۇلغان بوكسچى باھام شاھاۋدىنوفتىن تەربىيە ئالغان بولۇپ، 1983-يىلى ئالمۇتادىكى تەنھەرىكەت ئىنستىتۇتىنى تاماملىغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن قاراتۇرۇقتا 2002-يىلدىن تارتىپ ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ بالىلىرىم جۇمھۇرىيەتلىك، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشماقتا. مەن بالىلارنى تەنھەرىكەتكە مىقتا بولسۇن، تاماكا چېكىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن نېرى بولسۇن دەيمەن. پۈتتۈرۈپ كەتكەنلەردىن رېنات قۇربانوف ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ قولىدا مەشىقلىنىۋاتىدۇ. رېنات يېقىندا خىتايدا بولغان كەسپىي بوكسچىلار مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.»
بىز پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگە، «فرېئې سپارىڭ» بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى، چامباشچىلىق ۋە بوكس بويىچە خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى ھېمىت توختاخۇنوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ھېمىت توختاخۇنوف ئەينى ۋاقىتلاردا خەلقئارا مۇسابىقىلەردە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تەنھەرىكەتچىدۇر. ئۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شاگىرت تەييارلاش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە. ھېمىت توختاخۇنوف ئۆزىنىڭ 1997-يىلدىن بۇيان ترېنېرلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز كۆپ تەنھەرىكەتچىلەرنى تەييارلىدۇق. ئۇنىڭ ئىچىدە شاتلىق ھەمرايېف، ئەمەتجان قۇربانوف، ئەختەم خالىلوف ئوخشاش چېمپىيونلارنى تەييارلىدۇق. بۇ يىلى بېيجىڭدا خەلقئارا مۇسابىقە ئۆتتى. ئۇنىڭغا بىزدىن رېنات قۇربانوف ۋە جاسۇلان سادىقوف قاتنىشىپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.»
ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، كەسپىي بوكس بويىچە ئۇتۇق قازانغان باشقىمۇ ئۇيغۇر بالىلىرى بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ئەزىز ھېزباقىيېف 2010-يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا كەسپىي بوكس بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئەزىزنىڭ ئىنىسى ھېزىم ھېزباقىيېفمۇ ئامېرىكىدا بوكس بويىچە كېلىشىم قىلىپ، كېلەچەكتە بولىدىغان مۇسابىقىلەرگە قاتناشماقچى.
مۇشۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، چوڭ ئىشەنچىگە تولۇۋاتقان ئۇيغۇر بوكسچىلىرىنىڭ بىرى رېنات قۇربانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىشكە سەۋەب بولغان ئۇستازلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ھېمىت ئاكىنىڭ قولىدا مەشىقلىنىۋاتقىنىمغا ئالتە-يەتتە يىل بولدى. ئىككى قېتىم رۇسىيەدە بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇن ئالدىم. ئۇنىڭ ئالدىدا تاجىكىستاندا ئۆتكەن مۇسابىقىدىمۇ ئۈچىنچى ئورۇن ئالدىم. ئەركىن مۇشتلىشىشتىن قازاقىستان بويىچە ئۈچىنچى ئورۇنلارنى ئالدىم. كەسپىي ئەركىن مۇشتلىشىش بويىچە خىتايدا ئۆتكەن تۆت مۇسابىقىدە ئۈچىنى يېڭىۋالدىم، بىرىدىن يېڭىلدىم. كېلەچەكتە چوڭراق مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندا ھازىر تەنھەرىكەتنىڭ، مەسىلەن، گىمناستىكا تۈرى بويىچە نارىمان قۇربانوف، مۇز توپ ئويۇنى بويىچە زارىنا توختىيېۋا، بوكس بويىچە دىلمۇرات مىجىتوفقا ئوخشاش ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى ئۇيغۇرلار قىزغىن قارشى ئالماقتا. ئۇلار قازاقىستاننىڭ ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئابرۇيىنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشماقتا.