خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنى بىشكەكتە ئاچماقچى

0:00 / 0:00

خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 29-سېنتەبىردىن 2-ئۆكتەبىرگىچە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلمەكچى. «مېنىڭ تىلىم، مېنىڭ ھېكايەم، مېنىڭ ئەركىنلىكىم» دەپ نام بېرىلگەن بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ ساھىبخانىلىقىنى مەركىزى ئاسىيا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلۈشى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇلتۇر ئىسلاندىيەدە ئېچىلغان 79-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا قارار قىلىنغان.

بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا تىل ھوقۇقى، قەلەمكەشلەر ئەركىنلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت مەسىلىلەرگە نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم. قەلەمكەشلەرنىڭ بۇ دۇنياۋى يىغىلىشى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى كومىتېتى رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.