9-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلقئارالىق قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پۇنە شەھىرىدە رەسمىي باشلانغان بولۇپ، يىغىندا تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى 1929-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ پۇنە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يىغىنغا خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىگە قاراشلىق 60 دۆلەتتىكى قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى قاتناشتى
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى خەمىت ھەمرايېف بىلەن باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا قاتارلىق 2 نەپەر كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يىغىن زالىدا تۇرۇپ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
بۇ يىل ھىندىستاننىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى گەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا دەل 150 يىل بولغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ قۇرۇلتىيى ھىندىستاندا چاقىرىلغان. ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ھەققىدە توختالدى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن يازغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق قەلەمكەشلەر ئومۇمىي يىغىنىدا كومىتېتلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مۇزاكىرىدە مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، دانىيە ۋە شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرىنى» تاقاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يىغىن جەريانىدا نوختىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى رەئىسى خەمىت ھەمرايېف ئەپەندى بۈگۈن تىنچلىق كومىتېتى بىلەن قەلەمكەشلەرنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقىنى، يىغىن ئاخىرىدا بۇ ھەقتە قارار ماقۇللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا 27-28- سېنتەبىر كۈنلىرى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تېمىسىدا يەنە بىر يىغىن بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.
0:00 / 0:00