مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 8 - نۆۋەتلىكى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، جەمئىيەتنىڭ شۆبىلىرى، تەشۋىقات، تەتقىقات ۋە نەشرىيات بۆلۈملىرى مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 8 - ئىيۇل جۈمە كۈنى بىر مەسلىھەت كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بۇ كېڭەش يىغىنىدا دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تېمىلار، قاتناشقۇچىلار، سۆز قىلغۇچىلار، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاساسى مەزمۇنلار ۋە ئەزالارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە يىغىنغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم قارارلار ئېلىنغان.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 8 - نۆۋەتلىكى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلىدىكەن، پىكىر بايان قىلىنىپ مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
8 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ يىغىندا قانداق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؟
بۇ يىغىننىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئوخشاشمايدىغان پەرقلەر قايسى؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00