خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي، پاكىستان، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 26‏-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 تەرەپلىمىلىك يىغىنىدا نۇقتىلىق 3 مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ نۇقتىلىق 3 مەسىلە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا ئافغانىستاننى داخىل قىلىش، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ئورتاق قارشى تۇرۇش. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئالغا سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە قەشقەر-گۋادار كارىدورىغا ئافغانىستاننى داخىل قىلىش ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ۋە پاكىستان ئافغانىستان بىلەن ئۆز ئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى ئاساسىدا خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنى ئافغانىستانغا كېڭەيتىشنى خالايدۇ» دېگەن.

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھۇددىن راببانى بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ، تېررورلۇقنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە ئالامەتلىرىگە پەرقلەندۈرمەي قارشى تۇرۇشقا كېلىشكەنلىكىنى، خۇسۇسەن ئافغانىستاننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان گۇرۇھلار، تورلارغا قارشى كۈرەشنى، تېررورلۇققا قارشى ھەر خىل ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر يىغىن ئىراق، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان، بۇ دۆلەتلەردىكى قوراللىق جىھادچى گۇرۇھلارنىڭ باشقا ئەللەرگە يۆتكىلىۋاتقان، ئافغانىستاندا «ئىسلام دۆلىتى» ‏-دائىشنىڭ كۈچى تېز زورىيىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر چىقىۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەھۋالدا خىتاي ئۆزىنىڭ يىپەك يولى پىلانىنى قوغداش ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇركەن.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىچكى ئۇرۇشلار تۈگىشى بىلەن ئەل-قائىدە ياكى دائىشچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ، دېسەك بولىدۇ. ئەسلى خىتاي بۇنىڭدىن 2-3 يىل ئاۋۋال بۇ تەييارلىقنى قىلىۋاتاتتى. رۇسىيە بۇ گەپنى تولا دەپ كەلدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلامچىلار ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلمەكچى، دەپ. ئۆتكەندە 1000 دەك ئادەمنىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى دېگەن. بۇنداق ئەھۋالدا رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىتاي ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان يىپەك يولى ئىستراتېگىيىسى بار. بۇ يالغۇز پاكىستان، ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىران ۋە تۈركىيەگىچە مۇشۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كېرەك. شۇڭا، خىتاي بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇشۇنداق بىر مۇناسىۋەت قۇرۇشقا مەجبۇر».

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى پاكىستان بىلەن ئىمزالىغان قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىغا 57 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان. بىراق، يېقىندىن بۇيان بۇ قۇرۇلۇش پاكىستاندىكى بەزى ئۆكتىچىلەردە پەيدا قىلغان ئەندىشە، بالۇچىستان قاتارلىق رايونلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقى، ئافغانىستان، پاكىستان ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي يېقىندا پاكىستاندىكى بەزى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە بېرىدىغان مەبلەغنى توختاتقان ئىدى.

بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مۇقىمسىز دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشى زور تەۋەككۈلچىلىكتۇر. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋاڭ چېڭ ئەپەندى، خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىقتىسادتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە پۇل تېپىش. بەلۋاغ بىر يولدا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ سىز نېمىگە ئاساسەن ناچار، دىكتاتور، ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى نامرات بىر ھۆكۈمەتكە قەرز بېرىپ پۇل تاپالايمەن، دەپ ئويلايسىز. سىز پۇل بەرگەن ئىكەنسىز ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىڭىز كېرەك. بىراق، سىزنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاكىلىق ئورنىڭىزنى تىكلەشتەك بۇ ئۇسۇل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى. بۇ ئاقمىسا ئۇنىڭ خەجلىگەن پۇلى بىكارغا كېتىدۇ. شۇڭا ھېچكىم بىر بەلۋاغ بىر يولغا ئۈمىدۋار قارىمايدۇ. سىز پۇل چىقىرىپ، باشقىلارغا مەيلى يول ياساپ بېرىڭ ياكى پورت قۇرۇپ بېرىڭ بۇ پۇلنى قانداق قايتۇرۇۋالىسىز. بۇ پۇلنى كىم قايتۇرىدۇ؟. بۇ دۆلەتلەر ئۇنى قايتۇرالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئالدىرايدۇ؟ ئەمما ھېچكىم بۇ دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالمايدۇ. چۈنكى، بۇلار مۇقىمسىز دۆلەتلەر. ھېچكىم مۇقىمسىز دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشنى خالىمايدۇ».

ۋاڭ چېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقىسى ئۇنىڭ يۇمشاق كۈچى ئىكەن. ۋاڭ چېڭ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى خەلقلەرگە تەسىر قىلالايدىغان ھېچقانداق يۇمشاق كۈچى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ چېڭ مۇنداق دەيدۇ: «سىز كەلگۈسىدە گۇمران بولسىڭىز، يۇمشاق كۈچ سەۋەبلىك گۇمران بولىسىز. ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ئۇ كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، قانۇنغا ئەمەل قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى بار. شۇڭا ئۇ ئاخىرى يېڭىدۇ. ئەمدى ساڭا كەلسەك سەن يا قانۇنغا ئەمەل قىلمىساڭ، يا خەلققە ياخشى مۇئامىلە قىلمىساڭ، يا كىشىلەرگە ئەركىنلىك بەرمىسەڭ، سەن چوقۇم ھالاك بولىسەن. ھازىر كىشىلەرنى قورقۇتۇش ئەڭ مۇھىم بولۇپ قالدى. مانا بۇ ئۇنىڭ يۇمشاق كۈچىدىكى مەسىلە. شۇنى سوراپ باقاي، خىتاي كومپارتىيىسى، خىتاي خەلقى بىر بەلۋاغ بىر يولنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە بىز سىلەرگە يەتمەيدىكەنمىز، دېگۈدەك قانداق مەدەنىيەت، قانداق دىن، قانداق سىياسىي ئۈستۈنلۈك بەخش ئېتەلەيدۇ؟. ھېچقانداق. مەيلى مەدەنىيەت، مەيلى دىن، مەيلى سىياسىدا بولسۇن ئۇ باشقا مىللەتلەر قوبۇل قىلغۇدەك ھېچقانداق ئۈستۈنلۈك بەخش ئېتەلمەيدۇ. پەقەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەنلا پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولامدۇ».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلارنى ياراشتۇرۇش ئىشلىرىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئويناپ كەلدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئويناپ، ئۇلارنى كېلىشتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ چېگراسىنى كونترول قىلىشتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىق تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم: «توغرا، خىتاي ئەنسىرەيدىغان نۇرغۇن قوراللىق ئۇيغۇرلارنىڭ جىقىنىڭ چەتئەلدە قالالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بولدى. دۆلەت ئىچىدىكىلەرنى كونترول قىلىپ بولدى. ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئېلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلالايدىغان ھالغا كەلدى. لېكىن چەتئەلدە قالغانلارنى كونترول قىلالمايدۇ. خىتاي بۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، پاكىستانغا كېلىپ قېلىشىدىن كۆپ ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتىدۇ. خىتاي بەلكىم بۇ دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئارمىيەسىنى ئەۋەتىش يولىنى ئىزدەۋاتقان بولسا كېرەك. چۈنكى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا چەتئەلگە قوشۇن چىقىرالايدۇ، دېگەن بىر ماددا بار. مۇنداق دېگەندە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ماقۇل دېسە، خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە ئەسكەر چىقىرالايدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئەسكەرلەر بىلەن بۇ رايوندىكى قوراللىقلارنىڭ جەڭگە كىرىش ئېھتىمالى مەۋجۇت».

دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم يەنە، خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى نوقۇل مال سېتىش بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ نىشانى خەلقئارا سودىنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەركىن ئەكرەم: «خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى خىتاي، مەركىزى ئاسىيا، تىنچ ئوكياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بازار بار. بۇ بازار بىلەن ياۋروپا بازىرىنى باغلىماقچى. بۇ ئىككى بازار باغلانسا ۋە خىتاينىڭ دېگىنىدەك ماڭسا، ئۇ دۇنيا تىجارىتىنىڭ 60 % نى، ئىقتىسادى كۈچىنىڭ 40 % نى قولدا تۇتالايدۇ. بۇنى قولدا تۇتقاندا ئۇ جاھانگىر دۆلەت بولالايدۇ. شۇڭا يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيىسى يالغۇز خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ياكى قولىدا قالغان ماللىرىنى سېتىۋېلىش ئەمەس.»

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، يەرلىك خەلقلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىشى ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ يەنە ئافغانىستان، پاكىستاننىڭ مۇقىملىقىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ۋاڭ يى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا قىلغا ن سۆزىدە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆھبەتنى داۋاملىق «زۆرۈر ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز» دېگەن.