ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولغان تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۇيغۇر شېھىتلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 2-سېنتەبىر كۈنى قەيسەرىنىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا توپلانغان، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن كىشىلەر خۇنات مەسچىتىگە قاراپ ماڭدى.
خۇنات مەسچىتىدە ئۇيغۇر شېھىتلىرىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان قەيسەرى ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سېلىم گۈمۈش ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. سېلىم گۈمۈش ئەپەندى باياناتىدا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېتىم ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دەۋاغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى، ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باياناتىدا بولسا، پەلەستىن، مىسىر، سۈرىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تراگېدىيىسى ھەر دائىم دۇنيا كۈنتەرتىپىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تراگېدىيىسىنى ھېچ كىم كۆرمەيۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇرلار ئىنسان ئەمەسمۇ؟ دەپ پەرياد قىلدى. ئۇ دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.