قەيسەرىگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار ئۆز شارائىتىدىن مەمنۇن بولۇشتى

0:00 / 0:00


ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى سەۋەبىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆزلىرىگە ۋاقىتلىق ئۆي بېرىلىشىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا 150 كۋادرات مېتىرلىق , 4 ئېغىزلىق 100 يۈرۈش بىنا ئۆي تەسىس قىلغان ئىدى. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بۇ ياردىمى ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانى قالماي چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، ئۆيگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى سۆيۈندۈردى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تۇرسۇنجان ئىسىملىك ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە 150 كۋادىرات مېتىر كەڭلىكىدە ئۆي بەرگەنلىكىنى، بالىلىرىنى ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇلار قىيىن يوللارنى بېسىپ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن تۈركىيەدە بۇنداق ياخشى مۇئامىلە كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەخمەتجان ئەپەندى بولسا تۈركىيەگە كەلگەندە ئۆي - ماكانسىزلىقتىن كوچىلاردا ئۇخلىغانلىقى، ئەمدى قەيسەرىدە ئۆيگە ئىگە بولغانلىقى، ئەمما يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئىستانبۇلدا قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەممە كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى مۇنداق ئۆي - ماكانغا ئېرىشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ھەر قايسى دۆلەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشقا چاقىردى.