قەيسەرىدىكى 81 ئۇيغۇر يېتىمگە ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەگە ھەر خىل يوللار بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 2014 ۋە 2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق 7000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قەيسەرىدىكى دۆلەت قورۇ جايىدا ۋاقىتلىق تۇرماقتا.

بۇلارنىڭ كۆپى تۇل ئايال، كىچىك بالىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 81 يېتىم بالا بار ئىكەن. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەك ئېلىپ كىيىشى، دەپتەر-قەلەم ئېلىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن پۇل تارقاتتى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار نامىدىن چىش دوختۇرى ئابدۇلكېرىم بۇغرا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قەيسەرىگە بېرىپ 81 يېتىم بالىغا پۇل تارقىتىپ بەردى.

چىش دوختۇرى ئابدۇلكېرىم ئەپەندى قۇربان ھېيت ئاخىرلىشىپ تۈركىيەدىكى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەر دەرس باشلاش ئالدىدا، ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنى سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن بۇ ياردەم پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

كېيىن مىركامىل قەشقەرلى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بالىلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ 81 يېتىم بالىغا پۇل تارقىتىپ بەردى. يېتىم بالىلارنىڭ كۆپى پۇل ياردىمى تارقاتقانلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، پۇلغا دەپتەر-قەلەم ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

بۇ بالىلارغا مەسئۇل بولغان ئىمىن قارى ھازىر قەيسەرىدە 81 يېتىم بارلىقىنى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى دۆلەت مەكتىپىگە يېزىلغان بولسىمۇ كۆپىنىڭ قورۇ ئىچىدە قۇرئان ۋە تىل كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، قۇربان ھېيتىدىن كېيىن مەكتەپلەر دەرس باشلاشتىن بۇرۇن بۇ ياردەم پۇلىنى تارقىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر مۇساپىر يېتىم بالىلارغا پۇل تارقىتىپ بەرگەن ئابدۇلكېرىم بۇغرا ئەپەندى يېتىم بالىلارنى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇلارنىڭ بېشىنى سىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بىر قىسىم بالىلاردىن، «ئاتا-ئانىڭىز بارمۇ» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى «دادام يوق، دادام تۈرمىدە، ئانام تۈرمىدە، دادام ۋاپات بولغان،» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچا-سىڭىل سۆيگۈسىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئىمىن قارى ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلالمىسىمۇ بۇ بالىلارنى يوقلاپ بېشىنى سىلاپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز بىر قىسمى دۆلەت مەكتىپىگە يېزىلغان بولسىمۇ كۆپى مەھەللىدىكى قۇرئان كۇرسى ۋە تىل ئۆگىنىش سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇلارنى دۆلەت مەكتىپىدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈردى.