خىتاي ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. كەمال قىلىچدارئوغلى ئۈرۈمچىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئوغلى ئىز - دىرەكسىز غايىپ بولغان پاتىگۇل غۇلامنى ساقچىلارنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ كەمال قىلىچدارئوغلىغا يازغان خېتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. 12 - فېۋرال كۈنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت پاتىگۈل غۇلامنىڭ خېتىنى كەمال قىلىچدارئوغلىغا يەتكۈزۈپ بەردى. كېيىن بىز، تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

سوئال: سىز، ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق ئويدا ئىدىڭىز، بارغاندىن كېيىن نېمىلەرنى بىلدىڭىز؟
جاۋاب: مەن بۇرۇن خىتايغا بارغان. بۇ قېتىم، بىر پارتىيە رەئىسى سۈپىتى بىلەن خىتايغا، شۇنداقلا ئۈرۈمچىگە تۇنجى بېرىشىم. ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنى كۆرگەندىن كېيىن، شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزنىڭ تېگىمىز شۇ يەردىكەن. بىز ئۇ يەردىن ئانا تولىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەنمىز. تارىختا نۇرغۇن قەھرىمانلىرىمىز ئۆتكەن ئىكەن. بۈگۈن بىز ئاناتولىيىدە ياشاۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە ئۆز كۈلتۈرىنى ساقلاشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز كۈلتۈرىگە ئىگە چىقىشى تولىمۇ مۇھىم. ئۇيغۇرلار باي كۈلتۈرىنى ئۆز رايونىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا تونۇتۇشى لازىم. ئەگەر بۇ جەھەتتە بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولسا، بىز ھەر زامان بىجا كەلتۈرۈشكە تەييار. ھەر مىللەتنىڭ ئۆز كۈلتۈرىنى قوغدىشى، داۋاملاشتۇرۇشى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھەق - ھۇقۇقىدۇر.
سوئال: سىز، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالدىڭىز ۋە لېكسىيە بەردىڭىز. ئۇ يەردە نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ئۇيغۇرچىنى يۈزدە - يۈز چۈشىنىپ كېتەلمىدىم، ئەمما سۆزلەردە ناھايتى چوڭ يېقىنلىق مەۋجۇتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن بۇنى بىلىۋالدىم. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلاشقۇسى بار ئىكەن. مەن بۇ ھەقتە يوليۇرۇق بەردىم. تۈركىيىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قېرىنداش ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىشقا تىرىشىمىز. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھەقىقەتەن گۈزەل ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەن. ئۇنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سوئال: سىز، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە خىتايغا باردىڭىز. ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدىمۇ؟
جاۋاب: ئۇيغۇر مەسىلىسى مەخسۇس تىما سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە كەلمىدى. ئەمما بىزگە ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن ۋاقتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە تۈزۈمى بىلەن ئۆز - ئۆزىگە ھاكىم بولۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلدى. كوچىلاردا كېتىۋاتقىنىمىزدا ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى كۆرسىتىپ بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئەمما خىتايلار شۇنى ئىقرار قىلدىكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشى بېىشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم خىتاي رايونلىرىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەن. ئالدىمىزدىكى ئون يىلدا ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەسلىدە ئۇ رايوندىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش، مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ئەقەللىي بىر ئىش.
سوئال: ھۆرمەتلىك كەمال قىلىچدارئوغلى ئەپەندى، سىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۈرۈمچىدە زىيارەت قىلىۋاتقان چېغىڭىزدا، پاتىگۈل غۇلام قاتارلىق پەرزەنتلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان ئانىلار ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغان. بۇ تۈركىيىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىندى. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: بۈگۈن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى يىغىنىدا مەن ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دۇنياۋىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى سۆزلىدىم. ئىنسانلار قانۇنىي، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئېڭى ئۆسكەنسېرى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دۇنياۋىي قىممەت قاراش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. تۈركىيە ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ئۈرۈمچى ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ئىنسانلار ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولماسلىقى كېرەك. بارچە ئىنسان ئۆز ئوي پىكىرىنى خالىغانچە ئوتتۇرىغا قويالىشى لازىم. سىلەر ھەممە نەرسىنى چەكلەۋەرسەڭلار، ھېچقانداق ئىش ھەل بولمايدۇ. بۈگۈنگە قەدەر مەنى قىلىش يولىنى تاللىۋالغان دۆلەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ مەسىلىسى ھەل بولغىنى يوق. شۇڭا بىز ئىمكانقەدەر ئىنسان ھەقلىرىنى ئومۇملاشتۇرىشىمىز، ئىنسانلار ئوي پىكىرىنى خاھلىغانچە بايان قىلالىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشى، ھېچقانداق بىر كىشى بېسىم ئاستىدا قالماسلىقى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» غا خىتايمۇ ۋە باشقا پۈتۈن دۆلەتلەر رىئايە قىلىشى كېرەك.
سوئال: جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچىسىلەر؟
جاۋاب: قەيەردە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بولسا بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىمىز. تۈركىيىگە دېموكراتىيىنى ئېلىپ كەلگىنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى. تۈركىيىنى قانۇنىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرگەن پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىدۇر. ئۈچ ھۇقۇقنى ئايرىغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىمىز بۇ دۆلەتكە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى ئېلىپ كەلگەن. بىز بۇ كۆز قارىشىمىزنى سۈرىيە، خىتاي، ئىران، فرانسىيە، ھەممىلا يەردە تەشەببۇس قىلىمىز.