رابىيە قادىر خانىم قىرغىزىستان مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

23‏-يانۋار، قىرغىزىستان چېگرا ئامانلىق كۈچلىرى ئۇچتۇرپان ئارقىلىق قىرغىزىستانغا چېقىپ چىققان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، بىراق ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولىدا ھېچقانداق قورال يوق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېتىۋېتىشى نۇرغۇن گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان. قىرغىزىستان پارلامېنتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.

قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى 27‏-يانۋار گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، قىرغىزىستان چېگرا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 23‏-يانۋار ئىسسىق كۆل چېگرا رايونىدىكى ئاق-شىرەك، دېگەن يەردە چېگرادىن قېچىپ ئۆتكەن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلاش ۋەقەسىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى توقان مامىتوف ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، قىرغىزىستان دۆلەت چېگراسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى توغرا، دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇ، ئۇيغۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە شۇ چاغدىكى شارائىت مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىككى گۇرۇپپا ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىلگەن. بىراق، ھەر ئىككى گۇرۇپپا ناچار ھاۋا رايى سەۋەبلىك ئۇ يەرگە يېتىپ بارالماي، تامغا، دېگەن يەرگە قونغان. ئالاھىدە قىسىم ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئوق چىقارغان ھەم ئوت قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. ئۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن، ئۇلار قېچىپ كەتكەن بولسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، دېگەن.

بىراق، يىغىندا بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قايىل بولمىغان.

قىرغىزىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پارلامېنت ئەزاسى نۇرلان توربېكوف، بۇ يەردە ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن نۇقتىلار بار. ئوتتۇرىدا ھېچقانداق گۇۋاھچى يوق. بىزنىڭ كىمگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي قالدۇق. بەزىلەر بىر خىل گەپ قىلسا، يەنە بەزىلەر پۈتۈنلەي باشقىچە بىر خىل گەپ قىلىۋاتىدۇ، دەپ سۆزلىگەن.

يىغىندا سابىق قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل ئىساقوف بولسا چېگرا قوغدىغۇچى قىسىملارنى ئاقلاپ، چىگرىنى بۇزۇپ ئۆتكەنلەرنى ئۆلتۈرگەن چېگرا قوغدىغۇچىلارنى تەنقىدلەش توغرا ئەمەس. بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش زور خاتالىق. بىز ئۇلارنىڭ يول باشچىسىنى تۇتالمىدۇق، دېگەن.

لېكىن، د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 23‏-يانۋار ئۆلتۈرۈلگەن بۇ كىشىلەر خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلار بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى توقان مامىتوفنىڭ ئالىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، قىرغىزىستاننى ب د ت ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئورگانلارغا ئەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر 23‏-يانۋار يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ 27‏-يانۋار يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرى ۋەقە ھەققىدە ھازىر خۇلاسە چىقىرىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ، دەپ كۆرسىتىپ، كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتالىقىنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ، دېگەن.

بىراق، د ئۇ ق ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ب د ت نىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان. د ئۇ ق نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ۋەقە ئۈستىدىن تولۇق، ئوچۇق‏-ئاشكارا ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە يەنە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى خىتايغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ئامېرىكا ۋە ب د ت نى قىرغىزىستاننىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 11‏نەپەر ئۇيغۇر 23‏-يانۋار قىرغىزىستان چېگراسىغا كىرىپ، شۇ رايوندا ئوۋچىلىق قىلىۋاتقان بىر ئوۋچىغا يولۇققان. لېكىن، ئوۋچى ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلاردىن ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان. ئۇيغۇرلار ئامالسىز ئوۋچىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ قىرغىزىستان چېگراسىغا 40 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەندە، قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسىملىرى تىكئۇچۇردا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلىغان.

قىرغىزىستان چېگرا ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مەسئۇلى رائىمبەردى دۈشەنبېيىف، 24‏-يانۋار قىرغىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرىنىمۇ تىرىك قويماي ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن تىرىك قويۇشىمىز كېرەك؟ ئۇلار بىزنىڭ بىر پۇقرايىمىزنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن تۇرسا، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

لېكىن، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىمنى كۈچەيتمەسلىككە، دۇنيانى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق پاجىئەلەرگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

23‏-يانۋار ئۇچتۇرپان ئارقىلىق قىرغىزىستان چېگراسىغا كىرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانمىدى. قىرغىزىستان ئاخباراتىنىڭ 24‏-يانۋار بەرگەن خەۋەرلىرىدە، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ھەققىدە رەسمىي تەلەپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۆلتۈرۈلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتىغا مەنسۇپ كىشىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئۇلارنىڭ قىرغىزىستان چېگراسىغا كىرىپ، مالچى ۋە ئوۋچىلارنىڭ قورال-ياراغلىرىنى بۇلاپ، خىتايغا قايتىپ بېرىپ، تېررورلۇق قىلىشى يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.