خىتاي باش مىنىستىرى قىرغىزىستان سەپىرىدە ئەلچىخانا ھۇجۇمىنى تېزرەك ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.11.07
xitay-elchixanisi-qirghizistan-partlash-1.jpg بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمدىن كېيىن قىرغىزىستان ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
AFP

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىشكەك زىيارىتىدە قىرغىزىستان باش مىنىستىرى سۇرونباي جېنبېكوف بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ يىل 30‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئۇچرىغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنى تېزرەك ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي باش مىنىستىرى بۇ سەپىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-ۋە 3‏-نويابىر كۈنلىرىدىكى باش مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشقان ھەم قىرغىزىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى.

لېكىن ئۇنىڭ زىيارىتى، خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 2 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنى تەكشۈرۈش تېخى داۋاملىشىۋاتقان، ھۇجۇمنى كىملەرنىڭ پىلانلىغانلىقى، پىلانلاش مەقسىتى قاتارلىق ھالقىلىق سوئاللارنىڭ جاۋابى چىقمىغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.

«ياۋرو-ئاسىيا تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، لى كېچياڭ قىرغىزىستان باش مىنىستىرى سورونباي جېنبېكوف بىلەن كۆرۈشكەندە، «قىرغىزىستاننىڭ تەكشۈرۈشنى تېزلىتىشى، تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىنى، ئۇنى قوللىشى ۋە زۆرۈر ياردەملەر بىلەن تەمىنلىشىنى، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىرغىزىستاندىكى خىتاي خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.»

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى جېنبېكوف بولسا، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاتالمىش «3 خىل كۈچلەر»گە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋەدىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قەيت قىلىشىچە بۇنىڭ نەتىجىسىدە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋە جەمئىيەتلىرىنىڭ پائالىيىتى تەقىب قىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇساپىر ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرايدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيال پائالىيىتى بولامدۇ ياكى سىياسىي پائالىيىتى بولامدۇ، ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق. خىتاي ئۇ يەردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئارقىلىق يوق قىلماقچى ئەمدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ۋەتەننىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولماي قېچىپ چىققانلارنى ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تۇتۇپ قايتۇرۇپ بېرىش، بۇنداق مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئاپىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئىنسانلار تۈرمىدە قىيىن-قىستاق ۋە جازاغا ئۇچرايدىغان مەسىلە ناھايىتى كۆپ.»

قىرغىزىستان ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ يېقىندا جەنۇبىي قىرغىزىستاندىكى ئوش شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنى خىتايغا مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان. «ئازادلىق رادىيوسى»، بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ بۇ يىل 6‏-ئايدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېقىنغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ قىرغىزىستان سوت ياكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قارارى بىلەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدىمۇ ياكى قىرغىز ساقچىلار خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىگە يەڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بەردىمۇ، بۇنىسى نامەلۇم. قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئادۋوكات مەۋلۈدە جالىلوۋانىڭ كۆرسىتىشىچە، قىرغىزىستان قانۇنىدا ھەرقانداق شەخسنى باشقا دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-بەرمەسلىكنى قىرغىزىستان باش تەپتىشى قارار قىلىدۇ.

مەۋلۈدە جالىلوۋا، «بۇنى تەپتىش بەلگىلەيدۇ، رېسپۇبلىكىلىق باش تەپتىش قارار قىلىدۇ. قەغەز كەلسە شۇلارغا كېلىدۇ يەنى رېسپۇبلىكىلىق باش تەپتىشكە كېلىدۇ. باش تەپتىش ئۆزىنىڭ قارارىنى تۆۋەندىكى تەپتىشلەرگە ئۇقتۇرىدۇ. رۇخسەت بەردىمۇ، ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بەرمىدىمۇ ئۆزىنىڭ قارارىنى شۇلارغا ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇ ساقچىلار ئىزدىگەن ئۇ ئادەم خىتاينىڭ پۇقراسى بولۇپ، ئۇلار ئېلىپ كېتىمىز دېسە، بۇنىڭ بىر نېمىسى يوق، ئەمما )قانۇنغا ئاساسەن( ئۇلارنىڭ تەپتىشى بىزنىڭ تەپتىشىمىزگە خەت يازىدۇ. بىزگە مۇشۇ ئادەمنى ئۆتكۈزۈپ بەر، دەپ. شۇنىڭ بىلەن بۇنى تەپتىش بىلەن تەپتىش سۆزلىشىدۇ. بۇنى باشقىلار قىلسا بولمايدۇ» دېدى.

ئەمما دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۇچرايدىغان ئەڭ زور خەۋپ، ساقچىلارنىڭ قانۇننى شەخسى پۇل تېپىش مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشىدۇر. ئۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان ئامانلىق ئورگانلىرىدىكى پارىخورلۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشىت رىشىت، «ئادەملەرنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى تۇتۇپ بېرىشنى بىر خىل سودا شەكلىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. دېمەك، ۋەزىيەت نېمىگە ئايلىنىۋاتىدۇ دېگەندە، خىتاينىڭ پۇل ۋە مەبلەغ سېلىشى بىلەن شۇ جاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىنسانلار بۇ مەسىلىنى پۇل ۋە شەخسى مەنپەئەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان. شەخسنىڭ دۆلەت قانۇنىنى بۇنداق ئۆزىنىڭ پۇل تېپىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى ناھايىتى خەتەرلىك نەرسە» دېدى.

لېكىن قىرغىزىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى قىرغىزىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق بېسىم پەيدا قىلمىغان.

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭ قىرغىزىستان پۇقراسى ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق تەسىرى بولمىدى. ئەمدى بازاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەممىسى ئۇ تەرەپنىڭ ئادەملىرى، ئوچۇق دېگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلىپ چىقارغان. بۇ يەردە يا بىزنىڭ ماۋۇ ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىگە بىر بېسىم بولمىدى، بىرەر گەپ-سۆز بولمىدى، ئۇنداق ئىشلار يوق. بىزمۇ ماۋۇ تىجارەتكە، جامائەتكە ئارىلىشىمىز. ئەمما ئۇنداق بىر گەپلەر بولمىدى. شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ يىغىنىدىن كېيىنمۇ ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلمىدۇق.»

خىتاي قىرغىزىستانغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەت. دىلمۇرات ئەكبەروفنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قاتناش تۈگۈنىدىكى قىرغىزىستاننى كونترول قىلىشكەن.

دىلمۇرات ئەكبەروف: «قىرغىزىستان ئىقتىسادقا موھتاج. ئاشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بۇلار(خىتاي) جىق پۇل سېلىۋاتىدۇ. بۇ جىق پۇل سېلىنىۋاتقىنى كېيىنرەك قەرزىنى تۆلىيەلمىسە، ئاۋۇنى بېرىسەن، ماۋۇنى بېرىسەن، دەپ بۇ يەردىمۇ جىق يېزىۋاتىدۇ. ھازىر بەرگەن بىلەن كېيىن بىزنىڭ بايلىقنى ئىگىلىۋالىدۇ، دەپ. ئەمدى بۇ قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىدا. بۇ يەردىن قازاقىستان ۋە ئۇياق-بۇياقلارغا قۇلايلىق. (خىتاي) نەچچە يول سېلىۋاتىدۇ، پويىز يولى بىر تەرەپ بولدى، بۇلارنىڭكى. ئوش تەرەپتىن يېڭى يول ئېلىۋاتىدۇ. گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ (مەقسىتى) ئىقتىساد بىلەن بۇ يەردە ئورۇنلىشىش، شۇ» دېدى.

لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىكەن. «ياۋرو-ئاسىيا تورى»نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى «مۇرەككەپ ھەم ئىنتايىن جىددىي» دەپ تەكىتلەپ، قىرغىزىستان بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.