قىرغىزىستاندا 5 - ئىيۇل شېھىتلىرى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2009 - يىلدىكى ئۇرۇمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاساسەن، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئالامىدىن مەھەللىسىدىكى پائالىيەت سورۇنىغا جەم بولۇپ، 5 - ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى كەچ سائەت 7 يېرىمدا باشلاندى. ئاقساقاللاردىن مەسئۇت ھاجىم 2009 - يىلى5 - ئىيۇلدا قۇربان بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.

5 - ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆزگە چىققان ئىتتىپاق گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئەكبەر باۋۇدۇن خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزىۋاتقان مىللىي ۋە ئېرقى كەمسىتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە 2009 - يىلى 26 - ئىيۇندا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېرىم كېچىدە خىتايلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، كۆپلىگەن ياشلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە يارىدار بولغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىلى دائىرلىرىنىڭ بۇ قانلىق ۋەقەنى قانۇن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەقە سادىر قىلغان جىنايەتچىلەرنى جازالاشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى، ئاقىۋەتتە غەزەپلەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىپ 5 - ئىيۇل كۈنى نامايىشقا چىققانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بولسا ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ قولىداتۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ياشلارنى قوراللىق باستۇرۇش ئارقىلىق 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە يوللىغان خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

پائالىيەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، رادىيومىز زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان پىشقەدەم ژۇرنالىست شەمشىدىن ئابدۇرىھىم ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى: «2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، نەچچە مىڭلىغان ئادەم يارىدار بولغان، نەچچە ئونمىڭلىغان ياشلىرىمىز تۈرمىلەرگە تاشلانغان بولسىمۇ، بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابى رول ئوينىدى دەپ قارايمەن».

شەمشىدىن ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا قارىماي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەستىن يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: «5 - ئىيۇلدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمەستىن يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرىشىنى تېررورلۇققا باغلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مېنىڭچە، بۇ 5 - ئىيۇلدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن خىتاي زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئويغىنىشنىڭ ھەمدە مىللىي ئازادلىق كۆرىشىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت».

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش باھانىسىدە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن شەمشىدىن ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى بېسىۋالغان كاپىرلار ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرىشى ئىسلام دىنىمىزدا پەرز دەپ قارىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرىشى مەيلى دىنىي جەھەتتىن بولسۇن، ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن، تامامەن ھەقلىق بولغان مىللىي ئازادلىق كۆرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».

پائالىيەت ئاخىرىدا ئىتتىپاق جەمئىيىتى تەرىپىدىن جامائەتكە ئىپتار بېرىلدى.