28 - ئۆكتەبىردە قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ 6 - يىغىنىغا ئەزا بولۇپ سايلانغانلار ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى مەجلىسىدە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە سادىقلىقىدا، مەملىكەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئەگىشىشتە، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى خەلق مەنپەئەتىدە ئورۇنلاشتا، ئەلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا قەسەم بەردى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى ئۇيغۇر ۋەكىلىمۇ بولدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئايدا قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىگە ئۆتكەن سايلامغا 14 پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە ئىككى مىليون يەتتە يۈز مىڭدىن ئوشۇق سايلىغۇچى تىركەلگەن ئىدى. قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سايلام نەتىجىلىرى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى 26،88 پىرسەنت بىلەن قىرغىزىستان سوتسىيال - دېموكراتىك پارتىيىسى، ئاندىن كېيىنكى ئورۇنلارنى «ئاتا - يۇرت رېسپۇبلىكا»، «قىرغىزىستان»، «ئونۇگۇئۇ - پروگرېسس»، «بىر بول»، «ئاتا - ماكان» پارتىيىلىرى ۋە باشقىلار ئىگىلىگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف مەزكۇر سايلام ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «4 - ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستان مەملىكىتىمىزدە چوڭ سىياسىي پائالىيەت ئۆتتى. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى كېڭىشىگە ئەزالار سايلاندى. ئۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىدىن تۆرت بالا چىقتى. قىرغىزىستان سوتسىيال - دېموكراتىك پارتىيىسىدىن باياخۇنوف نۇرمۇھەممەت، «ئاتا - ماكان» پارتىيىسىدىن ئىسمايىلوف سەيدەخمەت، «ئاتا - يۇرت» رېسپۇبلىكىلىق پارتىيىسىدىن پەرھات تۇلېندىبايېف بىلەن پەرھات ئىمىنوف چىقتى. مۇشۇ سايلامدا ئىككى بالا ئەزالىق گۇۋاھنامىسىگە ئىگە بولدى. بۇ پەرھات ئىمىنوف ۋە پەرھات تۇلېندىبايېف. بىز، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت، چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن مۇشۇ بالىلارغا قارايمىز. بۇ بالىلار يۇقىرىقى كېڭەشكە ئەزا بولۇپ قىرغىزىستانغىمۇ، ئۇيغۇر مىللىتىگە، قىرغىزىستان خەلقىگە چوڭ ھەسسە قوشىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز. بىز، قىرغىزىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى، بۇلارنى چاقىرىپ، چوڭ يولغا چىققانلىقىغا ئۆزىمىزنىڭ رازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەبرىكلىدۇق.»
قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانغانلاردىن پەرھات روزى ئوغلى تۇلېندىبايېف 1960 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى بىشكەك شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى يېنىدىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە تىجارەتچىلىك ئىنستىتۇتىنى تاماملىغان ۋە ئىقتىسادچى مۇتەخەسسىسلىكىگە ئىگە بولغان. ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇ قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېنىدىكى دىپلوماتىيىلىك ئاكادېمىيىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە ئوقۇشنى تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ شۇنداقلا كەڭ دائىرىدىكى تىجارەتچىلىك پائالىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەمدى قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەزاسى پەرھات ئىمىنوف بولسا، 1975 - يىلى بىشكەك شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، ۋاسىتىچىلەرنىڭ ئالىي مەكتىپىنى، ئاندىن مەمۇرىيەتلىك باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىكى بويىچە چۇي ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان. ئۇ 2008 - ۋە 2013 - يىللىرى بىشكەك شەھەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، مەزكۇر كېڭەشنىڭ خىراجەت ۋە مالىيە مەسىلىلىرى بويىچە كومىسسىيە رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىملىرىنى ئاتقۇردى. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ بۇ ئەزالىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن زىچ ئالاقىدە ئىش ئېلىپ بارماقچى.
قىرغىزىستان «ئىتتىپاق گېزىتى» باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى رەھىم ھاپىزى سايلامنىڭ دېموكراتىك ئاساستا ئۆتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلدى: «بۇ سايلاملار دېموكراتىيىلەلىك رەۋىشتە ئوچۇق ئۆتتى. قىرغىزىستان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن تۆرت كىشى نامزات بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككى كىشى ئالىي كېڭەشكە ئۆتۈپ، ئەزالىق گۇۋاھنامىلىرىنى ئالدى. مەن ئويلايمەنكى، مۇشۇ يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە بىر تارىخىي ۋەقە بولدى. بۇرۇن قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىگە بىردىن ئەزا بولغان ئىدى. ھازىر خەلقىمىزنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ ئىككى ئەزا ئالىي كېڭەشكە سايلاندى. بىز بۇنىڭدىن خۇشال ۋە پەخىرلىنىمىز. ئەمدى مۇشۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ، ئىسپاتلايدۇ دېسىڭىز، قىرغىزىستاندىكى بولۇۋاتقان دېموكراتىيە. مەسىلەن، ھەر بىر ئادەم ئەزا بولىمەن دېسە، مىللىتىدىن قەتئىي نەزەر مانا مۇشۇ يەردە قىرغىزىستاندا ھەقىقەتەن دېموكراتىيىنىڭ ئالغان سۈرگەنلىكىنى بىلىمىز. بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز ئالىي كېڭەشتە قىرغىزىستاننىڭ راۋاجلىنىشىدا چوڭ پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزىدۇ، دەپ ئويلايمىز. بۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر ئەزالىرىمىز قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقىمۇ جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ ھەسسىلىرىنى قوشىدۇ، دەپ ھېسابلايمىز.»
0:00 / 0:00