ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا قىرغىزىستان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2010-يىلدىكى ئىيۇن ۋەقەسىدە مىللەتلەر ئارا جېدەل-ماجىراغا سەۋەبچى بولغان دېگەن ئەيىب بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەزىمجان ئەسقەرۇفقا «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى» مۇكاپاتىنى بېرىشى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئەزىمجان ئەسقەرۇف قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شۇنداقلا ئاتاقلىق رەسسام بولۇپ، ياۋروپا ۋە سابىق سۇۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئەللەردە كۆپ قېتىم رەسىم كۆرگەزمىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
2010-يىلى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا، ئەزىمجان ئەسقەرۇف مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىپ،قىرغىزىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇ جەرياندا خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن ئەزىمجان ئەسقەرۇفنىڭ دېلوسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق قىرغىزىستان تەرەپ بۇ ئىنكاسلارنى جاۋابسىز قالدۇرغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەزىمجان ئەسقەرۇفقا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىش ھەققىدىكى قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، قىرغىزىستاندا كۈچلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 20-ئىيۇلدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا 1993-يىلى تۈزۈلگەن ئۆز-ئارا خىزمەتداشلىق ھەققىدىكى كېلىشىمنى بىر تەرەپلىمە ھالدا بىكار قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ قارارنىڭ 20-ئاۋغۇستتىن باشلاپ كۈچىگە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر توقان مامىتوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يۇقىرى سوتتا سوتلانغان ئادەمگە مۇكاپات بەرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى چۈشىنىكسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار 1993-يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ پرىنسىپلىرىنى ساقلايمىز دەپ تۇرۇپ، بۇ پرىنسىپلارنى بۇزۇۋاتسا، قىرغىزىستانغا بۇنداق كېلىشىمنىڭ نېمە كېرىكى بار.»
بىراق قىرغىزىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بولسا، ئەزىمجان ئەسقەرۇفنىڭ سوتلىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى دېگەن قاراشتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزىمجان ئەسقەرۇفقا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قىرغىزىستاندىكى «ئىقلىم شامى» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەزىزە ئابدۇرۇسۇلۇۋا خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا قىرغىز ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەزىمجاننى قۇربانلىق قىلغان. ئەزىمجان ئەسقەرۇف بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا ئەڭ لايىق نامزات. قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ 1993-يىلقى كېلىشىمنى بىرتەرەپلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، بۇلارنىڭ ئۆز ئەيىبىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنىدىن ئىبارەت. بۇ ئوتتۇرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا قىرغىزىستان خەلقى.»
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 1993-يىلقى كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە سالماق مۇئامىلىدە بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستاندىكى ئىقتىسادشۇناسلار ۋە سىياسەتچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىنى يەڭگىللىك بىلەن بېسىلغان قەدەم قاتارىدا باھالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. سىياسەتچىلەردىن ئېدىل بايسالۇف ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىنى قىرغىزىستاننىڭ مەنپەئىتىگە زىيانلىق بولغان ئېغىر خاتالىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «ھاكىمىيەت بىشىدىكىلەر ئەزىمجان ئەسقەرۇفنىڭ مۇكاپاتلىنىشىنى باھانە قىلىپ، بۇ كېلىشىمنى يوققا چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. كېلىشىم ئىمزالانغان 1993-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى قىرغىزىستانغا 100 مىليون دوللارلاپ ئىقتىسادى ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە ئامېرىكا ئىلىمىزگە ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگەن دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق ھۆكۈمەت بولسا، ئۆز خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيانلىق بولغان قەدەمگە بېرىۋاتىدۇ.»
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىفنىڭ ھازىرغىچە بۇ مەسىلىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر نۇقتا بولۇپ قالدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئاتامبايىفنىڭ پرىزىدېنىت ئاپپاراتىنىڭ باشچىسى دانىيار نارىمبايىفنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سەتچىلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەلەكچىلىكىدە قالغانلىقىنى قىياس قىلىشماقتا.