قىرغىزىستاندا «ئىتتىپاق» نىڭ 8 - قۇرۇلتىيىغا تەييارلىقلار باشلاندى

0:00 / 0:00


قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى كېڭىشى يېقىندا ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ 8 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى 19 - ئاپرىلدا بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلدى.

ئىتتىپاق جەمئىيىتى 1989 - يىلى دىكابىردا بىشكەكتە قۇرۇلغان بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەر تۆرت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىتتىپاق رەئىسى، ئىتتىپاق مەركىزى كېڭىشى ۋە تەپتىش ھەيئىتى يېڭىدىن سايلىنىدۇ.

ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2011 - يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، باشقا نامزاتلار بولمىغان ئەھۋالدا ئارتىق ھاجى ئىتتىپاق رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئىدى.

بۇ قېتىم گەرچە تۆرت نامزات ئۆزلىرىنىڭ سايلام پروگراممىسىنى ئىلان قىلغان بولسىمۇ، نامەلۇم سەۋەبلەردىن ئاخىرىدا يالغۇز ئارتىق ھاجىدىن ئىبارەت بىرلا نامزات قالدى.

19 - ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى 630 نەپەر بولۇپ، بۇ ۋەكىللەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىتتىپاق رەھبەرلىرىنى سايلايدۇ.

1989 - يىلى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان پىشقەدەملەردىن نازىم قەمبىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە يېڭىدىن سايلىنىدىغان ئىتتىپاق رەھبەرلىرىدىن كۈتىدىغانلىرى ھەققىدە توختالدى.