قىرغىزىستاندا 2010 - يىلىدىكى قانلىق توقۇنۇشنىڭ بەش يىللىقى خاتىرىلەندى
2015.06.12
2010 - يىلىنىڭ ئىيۇن ئايلىرىدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالالئاباد ئوبلاستلىرىدا ياشايدىغان قىرغىز، ئۆزبەك مىللەتلىرى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ توقۇنۇشلار 2010 - يىلنىڭ سىنتەبىر ئايلىرىغىچە داۋام قىلىپ، ئاقىۋىتىدە 500 گە يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. مىڭلىغان ئادەملەر يارىدار بولۇپ،ئون مىڭلىغان ئادەملەر ئۆي - ماكانسىز قالغان. ئىككى يۈزدىن كۆپرەك ئادەم ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان. 1700دىن كۆپرەك قورو - جاي، مەكتەپ، يەسلى، دوختۇرخانا قاتارلىقلار كۆيدۈرۈۋىتىلگەن. مىڭلىغان كىشىلەر بالا - چاقىلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزبەكىستان، قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ كىچىك مەملىكەت بولۇشىغا قارىماي، بۇ دۆلەتتە 84 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى ياشايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇزۇندىن بۇيان مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەت قىرغىزىستاندىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن گەرچە ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى، مەملىكەتتە پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ھەمدە سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرى قاتارلىق ئامىللار قىرغىزىستاندا مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
«ئىيۇن قانلىق توقونۇشى»نىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان قىرغىزىستان پرىزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «گەرچە ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىيۇن ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنى قايغۇ ئىچىدە ئەسلەۋاتىمىز. بۇ تراگىدىيە ئىلىمىز مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ زور پاجىئە بولۇپ تارىختا قالدى. ئەمەلىيەتتە ئىلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ھەر بىر ئائىلىدىن، ھەر بىر بىنادىن، ھەر بىر مەھەللىدىن باشلىنىشى كېرەك. بۇ ھەقىقەتنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.»
قىرغىز ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق يەرلىك ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېتەكچىسى بەختىبېك ئىرىسبايىف ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تاراتقۇلار ۋەكىللىرىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر ئارا جاڭجاللار 90 - يىللاردىن بۇرۇنلا يۈز بەرگەن. 1990 - يىلىمۇ يۈز بەردى. ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ 2010 - يىلى يەنە يۈز بەردى. بۇنداق پاجىئەلەر بۇندىن كېيىن يۈز بەرمەيدۇ دەپ ھېچكىم كېپىللىك بېرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ھاكىمىيەت مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.»
قىرغىزىستاننىڭ ئىلىم - پەن، مەدەنى مائارىپ ساھەسىدىكى زىيالىيلار بولسا، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھۆكۈمەت ئىقتىدارسىزلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. تارىخ پەنلىرى دوكتورى قىياس مۇلدىقاسىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «2010 - يىلىقى پاجىئەلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن يۈز بەرگەن. 1990 - يىلى يۈز بەرگەن ئۆزگەن ۋەقەسىدىمۇ شۇ چاغدىكى ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى كۆرسەتكەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىشتا ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھالسىزلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ يىل كۈزدە باشلىنىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا يەنە بىر قېتىملىق چوڭ جىدەل - ماجىرالار باشلىنىشى مۇمكىن. بىراق ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بۇ مەسىلىگە پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ.»
قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمۇن ئوش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شەھەر مەركىزىگە ئورنىتىلغان «ئانىلارنىڭ كۆز يېشى» دەپ نام بېرىلگەن ھەيكەلگە گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى تىنچ ھالىتىنىڭ قوشنا ئەللەردە، بولۇپمۇ ئۆزبەكىستاندا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا.