مۇتەخەسسىسلەر: قىرغىزىستان-قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ

0:00 / 0:00

«ئىنتېرفاكس-قازاقىستان» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «سوئورونباي جېيېنبېكوف: چېگرانىڭ قورشىلىشىدىن ئاددىي خەلق زەرداب چەكمەكتە» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتى سوئورونباي جېيېنبېكوف يېقىندا مەملىكەتنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان چېگراسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تېز ئارىدا ھەل بولىدىغىنىغا ئىشەنچ بىلدۈرگەن. ئۇ مەملىكەتتىكى جەمىيەتلىك-سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ بارلىق قوشنا مەملىكەتلەر رەھبەرلىرىگە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفقا ھۆرمەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگراسىدا قېلىپلاشقان ۋەزىيەتتىن پەقەت قىرغىزىستانلىقلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستانلىق ۋە رۇسىيەلىكلەرنىڭمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«پەرغانە رۇ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «ئاستانا ۋە بىشكەكنىڭ جاڭجىلى نېمىگە ئېلىپ كەلدى؟» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنتلىق سايلام ھارپىسىدا مەملىكەت پرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېف كۈتمىگەن يەردىن قازاقىستان رەھبەرلىكىنى قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلەشكە باشلىغان ئىدى. بۇنىڭغا قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىقىغا ئۆز نامزاتىنى كۆرسەتكەن ئومۇربېك بابانوف بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى سەۋەب بولغان. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا قازاقىستان دائىرىلىرى ئىككى مەملىكەت چېگراسىدا قاتتىق تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. پىلانلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قىرغىزىستاندىن قازاقىستانغا كىرىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بېسىم كۆپى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن توختىتىلغان ئىدى.

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلوفنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئۆز ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە مۇشۇنداق ھەرىكەتكە بارغان ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆز تەرەپدارى بولغان سوئورونباي جېيېنبېكوفنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. غ. ئاگېلوف قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمى جەريانىدا كۆپلىگەن كەمچىلىكلەر ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، قازاقىستان بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا نامزادلار سانىنىڭ خېلى كۆپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ قىرغىزىستان رەھبەرلىكىگە يېڭى پرېزىدېنتنىڭ كېلىشى بىلەن مەملىكەتنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، يەنى بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن ۋە قازاقىستان تەرىپىدىن چېگرانىڭ توسۇلۇشىدىن كېيىن قىرغىزىستان، ئەلۋەتتە، قازاقىستان بىلەن بولغان بۇ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستانمۇ شۇنىڭغا قاراپ ماڭىدۇ. شۇنداقتىمۇ رۇسىيە بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ھەم قىرغىزىستاندىكى كۆپلىگەن ئىقتىسادىي لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىتتىپاقداش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. قازاقىستان بولسا، قىرغىزىستان ئۈچۈن ئىككىنچى پىلاندىكى شېرىك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ، چۈنكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سوغۇقلىشىشى قىرغىزىستاننىڭ مەنپەئەتلىرىگە سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزۈشى مۇمكىن. قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى ئۆسمەكتە. خىتايمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي قىرغىزىستاندىمۇ ئىنتايىن كۆپ لايىھىلەرگە مەبلەغ سېلىشقا كۆپرەك ھەرىكەت قىلماقتا. قىرغىزىستان ئۈچۈن بۇ مۇھىم ھەمكارلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».

قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى رەھىم ھاپىزوفنىڭ پىكرىچە، قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمى دېموكراتىك ئاساستا ئۆتۈپ، قىرغىزىستان سوتسىيال-دېموكراتىك پارتىيىسى ۋەكىلى سوئورونباي جېيېنبېكوف كۆپچىلىك ئاۋاز بىلەن غەلىبە قازانغان. ئۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىلىرىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ زەرداب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «چوڭ-چوڭ ماشىنىلار ھەر خىل مەھسۇلاتلار بىلەن چېگرادا ئۇزاق تۇرۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار ساپاسىنى يوقىتىۋاتىدۇ. بىز مۇنداق كېلىشمەسلىكلەر يېقىن ئارىدا يوقىتىلىدۇ، دەپ ئويلايمىز. چۈنكى قىرغىز ۋە قازاق خەلقى بۇرۇندىن بىر-بىرىگە قېرىنداش. ھەر ئىككى مەملىكەتتە ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئىككى ئوتتۇرىدا ياخشى ئالاقىلەر بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پايدا. ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادا ياشاپ كېلىۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى. ئۇلار شۇنداقلا تاجىكىستاندا، تۈركمەنىستاندا، ئۆزبېكىستاندا ياشايدۇ. مەركىزىي ئاسىيادا چېگرالار ئوچۇق بولسا، ئەركىن يۈرۈش بولسا، شۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرگىمۇ، ئۇيغۇرلارغىمۇ ياخشى».

ئىگىلىشىمىزچە، ئاخىرقى رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار 246 مىڭ ئادەمنى تەشكىل قىلسا، قىرغىزىستاندا تەخمىنەن 54 مىڭنى، ئۆزبېكىستاندا 20 مىڭنى، تۈركمەنىستاندا 2 مىڭنى تەشكىل قىلىدۇ. قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرىگە، گېزىت-ژۇرناللىرىغا، مىللىي تىياتىرىغا ئىگە.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي، شۇنداقلا ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ھەم ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن سىياسىتىنىڭ قانداق يۆنىلىشتە داۋام قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھېسابقا ئالساق ۋە رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسى، ئۆزئارا ئىقتىسادىي ھەم ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى دائىرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، يېڭى پرېزىدېنت ئاتامبايېفنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بىرىنچىدىن، بۇ قېلىپلاشقان مەسىلىگە باغلىق، ئىككىنچىدىن، مەركىزىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي سىستېمىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە مەركىزىي ئاسىيادىكى بىردىن-بىر پرېزىدېنتلىق-پارلامېنتلىق سىستېما مەۋجۇت. ئەمدى خىتايغا كەلسەك، بۇ يەردە بىر-ئىككى مەسىلە بار. بىرىنچىدىن، قىرغىزىستاننىڭ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىدە ھەر خىل مەسىلىسى چىقىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەگەر قىرغىزىستان ئۆزىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى مۇشۇ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىدە توختىتىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا قىرغىزىستان خىتاي بىلەن يېقىنلىشىدۇ».
ق. غوجامبەردى قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ھازىرقى كۈندە ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئەھۋال شۇنداقلا داۋام قىلسا ئۇنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىك، دوستلۇق سىياسىتىنى يەنىمۇ داۋام قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئالاھىدە قاراش، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە، مائارىپىغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل ئاغدۇرۇشنىڭ يېڭى پرېزىدېنت دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما، ق. غوجامبەردى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇ جەھەتتە ماددىي ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتىدىن يىراق بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيا بويىچە پەقەت قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەم مەنىۋى، ھەم ماددىي قوللاشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.