4-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى سايلامغا 14 سىياسىي پارتىيە قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن سايلىغۇچىلارنىڭ 7% تىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن 6 پارتىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت تۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىدا، پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشقان پارتىيەلەردىن سايلىغۇچىلارنىڭ 7% تىن كۆپ ئاۋازىغا ئېرىشكەن پارتىيەلەر پارلامېنت تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايىفنىڭ سوتسىيال- دېموكراتلار پارتىيەسى سايلىغۇچىلارنىڭ 27.48% ئاۋازى بىلەن يېڭى پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولۇپ قالدى. ئۆتكەن قېتىملىق پارلامېنتتا ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تۇرغان رىسبۇبلىكا-ئاتا يۇرت پارتىيەسى سايلىغۇچىلارنىڭ 20.13% ئاۋازىغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيەگە ئايلاندى. بىراق ھېچقايسى پارتىيە سايلىغۇچىلارنىڭ 50%din كۆپ ئاۋازىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى.
بۇ قېتىمقى سايلامغا سايلىغۇچىلارنىڭ 53% ئى قاتناشقان بولۇپ، مەركىزى سايلام كومىسىيەسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا،بىر مىليون 400مىڭغا يېقىن سايلىغۇچى سايلامغا قاتناشمىغان.
سايلامغا قاتناشمىغان ھەمدە ئىسىم فامىلىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بازاردىكى بىر سودىگەر ئايال بۇ سايلام ھەققىدە رادىئومىزغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سايلامنىڭ ئاۋام خەلققە نېمە پايدىسى بار؟ بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىز، دىپۇتاتلىرىمىز بىزگە نېمە قىلىپ بەردى؟ ماڭا ئوخشىغان يېتىم-يېسىرلارنىڭ بالىلىرى ئىش تاپالماي كوچىدا سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ. قېنى پرېزىدېنتنىڭ، دىپۇتاتلارنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقى؟ بىز دىپۇتاتلارنىڭ كىچىككىنە ياخشىلىقىنىمۇ كۆرگىنىمىز يوق. بىز ياخشىلىقنى پەقەتلا خۇدادىن كۈتىمىز. بىزگە تىنچلىق كېرەك شۇڭلاشقا بۇ سايلامنىڭ جېدەل-ماجىراسىز، تىنچ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتۈپلا ئولتۇرۇۋاتىمىز.»
سايلامدىن كېيىن ئۆز تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالغان قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىدا مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغان مۇنداق ئىككى نۇقتا بار؛ بىرىنچىسى، 2010-يىلقى سايلامدا بىر نەپەر ئۇيغۇر دىپۇتاتلىققا ئۆز نامزاتىنى قويغان ئىدى. بۇ يىل بولسا، بەش نەپەر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى قويۇشتى. قىرغىزىستان پارلامېنتىدا ئاز سانلىقلارغا 15% ئورۇن بېرىلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالغاندا، بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇردىن بىر نەپىرى دىپۇتاتلىققا ئۆتەلىسە خۇداغا شۈكرى دېسەك بولىدۇ. پارلامېنت دىپۇتاتلىقىغا ئۆز نامزاتىنى قويغان ئۇيغۇرلىرىمىز بۇ رېئاللىقنى ئەسلىرىدىن چىقىرىپ قويمىسا بولاتتى. ئىككىنچىدىن، مەركىزى سايلام كومىسىيەسى سايلىغۇچىلاردىن بىر مىليون 400 مىڭغا كىشىنىڭ سايلامغا قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، جەمئىيەتتە ھاكىمىيەتكە بولغان كۆز قاراشنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ شۇڭلاشقا بۇ قېتىم پارلامېنتقا كەلگەن دىپۇتاتلارنىڭ خەلق ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان بۇلاتتىم.»
بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن قىرغىزىستان سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيەسى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان يېڭى دىپۇتاتلارنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىن نۇرمۇھەممەت باياخۇن دىپۇتاتلىققا سايلانغان. رىسبۇبلىكا-ئاتا يۇرت پارتىيەسىدە بولسا ئۇيغۇرلاردىن پەرھات ھاجىم تۆلەندىيىف دىپۇتاتلىققا سايلانغان.
بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئادىل ھەم تازا ئۆتۈشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا، رۇسىيە، تۈركىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلاردىكى خەلقئارالىق ئورگانلاردىن كەلگەن 611 نەپەر كۆزەتكۈچى جاي- جايلاردىكى سايلام ئوچاستىكىلىرىغا بېرىپ، نازارەتچىلىك قىلغان ھەمدە ئاخىرىدا سايلامنىڭ تازا ۋە ئوچۇق ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلىشقان بولسىمۇ، سايلامدا يېڭىلگەن بىر قىسىم پارتىيەلەر كۆپلىگەن ساختىلىقلارنىڭ سادىر بولغانلىقىنى، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم جايلاردا سايلىغۇچىلارغا پۇل تارقىتىش،مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىسىم ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.