قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئاۋاز بېرىشكە تەييارلانماقتا

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندا 15 ئۆكتەبىر كۈنى يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. نەتىجىدە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تارىخىدا 5-چى پرېزىدېنت سايلىنىدۇ.

بۇ سايلامنىڭ بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سايلامغا بولغان قاراشلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىكى بىر قانچە كىشىنىڭ پىكىرلىرىنى سورىدۇق.

بىز قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىرزاكىم ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۇ، سايلامنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزگە مىللەت ئايرىمايدىغان، خۇدادىن قورقىدىغان، ياخشى كىشى كېرەك، مەن ئالماسبېك ئاتامبايېفنىڭ يولى بىلەن مېڭىۋاتقان سورونباي جېيېنبېكوفقا ئاۋازىمنى بېرىمەن».

قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە ھەر بىر قىرغىزىستان پۇقراسى دىن ۋە مىللەت تەۋەلىكىدىن قەتئىي نەزەر سايلامغا قاتنىشىپ ئۆز ئىختىيارىنى ئاشكارىلاشقا ھوقۇقى بار دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ توغرىسىدا بىشكەك شەھىرىنىڭ تۆكۈلتاش مەھەللىسىدىكى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۇلباھرام ئىمىنوۋا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدىغانلىقى سۆزلەپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «بىز قىرغىزىستان گراجدانلىرى، بىز بۇ دۆلەتنىڭ خاتىرجەم ھالدا بولۇشىنى خالايمىز، بىز ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق مىللەتلەر قاتارىدا سايلامغا قاتنىشىپ ئاۋاز بېرىشكە ھوقۇقىمىز بار، بىز ئەلۋەتتە 15-كۈنى ئائىلىمىز بىلەن سايلامغا قاتنىشىمىز».

مۇستەقىل قىرغىزىستان تارىخىغا قارىغاندا، بۇ دۆلەتنى ھازىرغىچە 4 پرېزىدېنت باشقۇرغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق قوزغىلاڭلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۈگۈنگىچە مەركىزى ئاسىيادا پرېزىدېنتلىق ھوقۇقلىرىنى بىر پرېزىدېنت باشقىسىغا ھېچ قاچان سايلام ئارقىلىق، تىنچ يول بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن. بىراق قىرغىزىستاندا بولىدىغان بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمى قىرغىزىستان خەلقى ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئۈچۈن چوڭ بىر ۋەقە بولۇپ، بەلكى بۇ باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۈلگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ توغرىسىدا سىياسەت پەنلىرىنىڭ نامزاتى رەھىمجان ھاپىزى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، «قىرغىزىستان پۇقرالىرى خاتىرجەم ھالدا ياشاپ، دۆلەتنى قابىلىيەتلىك ئىنسان باشقۇرۇشىنى شۇنداقلا مىللەتلەر ئارا، دىن ۋە باشقا ساھەلەردە چەكلىمىلەر بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سايلامغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ. ھەر بىرى ئۆزلىرىنى جەلپ قىلغان نامزاتلارغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ»، دېدى.

پرېزىدېنتلىققا ئۆز نامزاتلىرىنى 12 شەخس كۆرسەتكەن ئىدى. ئەڭ ئالدىدا بولۇۋاتقان ئىككى نامزات سوئورونباي جېيېنبېكوف ۋە ئۆمۈربەك بابانوفنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ‹كنېۋس› تورىدا يېزىلغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىپ بېلىغان راي سىناشلار بويىچە، قىرغىزىستان تۇرغۇنلىرىنڭ 80% ئۆز ئاۋازلىرىنى ئۆمۈربەك بابانوفقا بېرىدىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشقا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 2015 يىلدىن باشلاپ قىرغىزىستاندا ھەقىقەتتىن دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، چۈنكى شۇ يىلدىن باشلاپ بۇ دۆلەتتىكى سايلاملاردا ئېلېكترونلۇق بېلەت تاشلاش يولغا قويۇلغان.

قىرغىزىستان سايلام قانۇنى بويىچە ھازىرقى پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايېف قايتا سايلىنالمايدىكەن.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، قىرغىزىستاندىكى 60 مىڭغا يېقىن دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بۇ سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا تارقالغان. بۇرۇندىنلا بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە بار ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى 1950-1960-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى قىرغىزىستاننىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق پۇقرالىرى دەپ قارايدۇ.