قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان چېگراسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش مەركىزىي ئاسىياغا خەۋپ تۇغدۇرامدۇ؟

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تاجىكىستاننىڭ سوغدا ۋە قىرغىزىستاننىڭ باتكېن ئوبلاستلىرىغا قاراشلىق چېگرا رايونلىرىدا ئىككى تەرەپ چېگرىچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ پات-پاتلا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.

نۆۋەتتىكى مۇنداق توقۇنۇش 11-يانۋار كۈنى قىرغىزىستاننىڭ «كۆك تاش» چېگرا پونكىتى رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپتىن بىر نەچچە ئادەم يارىدار بولغان.

تاجىكىستاننىڭ «ئاۋېستا» ئاگېنتلىقى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىككى مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت كومىسسىيىلىرى ئوتتۇرىسىدا چېگرا ۋەزىيىتىنى تۇراقلاندۇرۇش مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مەزكۇر ئىككى ئوبلاست ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ھەمكارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىش، چېگرا ئوترەتلىرىنىڭ ۋە ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىنىڭ بىرلەشكەن تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولدى. تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان چېگرا مەسىلىسى بويىچە ئۈزلۈكسىز مۇزاكىرە يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئامما مۇشۇ كۈنگىچە ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئەيىبلەشنى داۋام قىلماقتا.

قىرغىزىستاننىڭ «كابار» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قىرغىزىستان تاجىكىستاننىڭ قانۇنغا قارشى ھەرىكەتلەردىن، ئالدىراش ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەشلەردىن ئۆزىنى تارتىشىغا ئۈمىد قىلىدۇ» ناملىق ماقالىدە قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا تاجىكىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى چىقماي تۇرۇپ، ئالدىراقسان ۋە ساختا خۇلاسىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرگە ۋە چېگرادىكى مۇقىملىقنى ساقلاشقا دەخىل يەتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا تەكىتلەنگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستان چېگرا توقۇنۇشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ھەم قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، پەقەت ئىككى تەرەپلىمىلىك ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە قىرغىزىستان تېررىتورىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «كۆك-تاش-ئاق ساراي-تامدىق ئاپتوموبىل يولى »قۇرۇلۇشىنىڭ تاجىك ھەربىيلىرىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى قىرغىزىستان تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى تۇغدۇرغان. قىرغىزىستان تاجىكىستاننى زەمبىرەكلەردىن ئوق ئېتىپ، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئەمدى «نۇر. ئۆز» ئاگېنتلىقىدا بېسىلغان «تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان چېگراسى يېڭى ئوشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاسقار مومىنوف يەر تالىشىشتىن بۇ رايوندا ھەربىي قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ سادىر بولغانلىقىنى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە بۇ مەملىكەتلەر كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقتىن مەزكۇر توقۇنۇشقا قوشنا مەملىكەت قازاقىستاننىڭمۇ جەلپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئانالىزچى ئالېكساندىر كىنايازېف بولسا تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان مۇنداق تېررىتورىيىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى قانۇنسىز كۆچۈپ-قونۇش، يەر ۋە سۇنىڭ يېتىشمەسلىكى، ئىشسىزلىق ۋە باشقىلارنىڭمۇ ھەر خىل توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، ھەم بىشكەكنىڭ، ھەم دۈشەنبىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھېچ بىر ھەرىكەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقسا، ھەتتا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭمۇ ھېچ ئامال قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. سىياسەتشۇناس ئالېكسېي ۋلاسوف مەسىلىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى دائىرىسىدە ھەل قىلىش لازىملىقىنى ئېيتسا، قۇبات رەھىموف چېگرا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇنىڭ بارلىقى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئەھۋالىنىڭ خېلى كەسكىنلىشىپ، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەتكە تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق ئانالىزچى غالىم ئاگېلېلوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.