ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان چېگراسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە بىر - بىرىنى ئەيىبلەشمەكتە ئىكەن.
10 - ئىيۇلدا «تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت چېگراسى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ، 10 - ئىيۇلدا باتكېن ئوبلاستىنىڭ باتكېن ناھىيىسىگە قاراشلىق تامدىق دېگەن جايدا ئىككى تەرەپ چېگرىچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكىنى ھەم بۇنىڭ تاجىكىستان پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
يەنە ئۇلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تاجىكىستاننىڭ 30 غا يېقىن پۇقراسى قىرغىزىستان تېررىتورىيىسىدىن تاجىكىستاننىڭ بېداك دېگەن يېزىسىغا تۇرۇبا يولى سالماقچى بولغان. شۇ مەزگىلدە قىرغىز چېگرىچىلىرى بۇنىڭغا توسالغۇلۇق قىلماقچى بولغاندا قارشى تەرەپ ئۇلارغا تاش ئاتقان. چېگرىچىلار ئاسمانغا قارىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئوقىنى چىقارغاندا يېقىن ئارىدا تۇرغان تاجىك چېگرىچىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە يېتىپ كېلىپ، قىرغىز چېگرىچىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. قىرغىزىستان تەرەپ بۇ ۋاقىتتا ئۆلگەنلەر ۋە يارىدار بولغانلار ھەققىدە خەۋەر قىلمىغان ئىدى.
«نۇر كز» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «تاجىكىستان چېگرىچىلىرى قىرغىز پوستىنى ئىككىنچى قېتىم ئوققا تۇتتى» دېگەن ماقالىدا يەنە شۇ قىرغىز چېگرا ئاخبارات خىزمىتىنىڭ مەلۇماتلىرى كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭدا تاجىك چېگرىچىلىرىنىڭ مىناميوت ۋە گرانىتلاردىن قىرغىزىستان تەرەپكە ئوق چىقارغانلىقى، شۇنداقلا قىرغىز چېگرىچىلىرىنىڭ ئاقساي - تامدىق يولىنى ۋاقىتلىق ياپقانلىقى، تاجىكىستان پۇقرالىرى تەرىپىدىن بىر ئادەم ئۆلۈپ، بەش ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئېيتىلغان.
شۇ كۈنىلا «ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ تاجىكىستان بۆلۈمى قىرغىز چېگرىچىسىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، يەتتە ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«سېنتىر ئاسىيا» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «تاجىك - قىرغىز قوراللىق توقۇنۇشى نەتىجىسىدە تاجىكىستان پۇقراسى شاروپوۋ قازا بولدى ۋە 7 پۇقرا يارىدار بولدى» دېگەن ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ چېگرا بۆلۈش ۋە بەلگىلەش كومىسسىيىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان مامىتالىيېف تاجىك پۇقرالىرىنىڭ قىرغىزىستان تېررىتورىيىسىدە قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر مەسىلە بويىچە مۇزاكىرە يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئارا كومىسسىيە 2001 - يىلدىن ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنىگىچە 971 كىلومېتىر چېگرا لىنىيىسى ئېنىقلانغان، ئۇنىڭ 560 كىلومېتىرى تالاشتا قالغان يەرلەردۇر.
ئىككى جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى سوۋېت دەۋرىدىن كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ چېگرالارنى ئېنىقلاشتا ھەر خىل يىللاردىكى خەرىتىلەرگە ئاساسلانماقتا.
شۇ كۈنى «پەرغانە رۇ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا «قىرغىزىستان چېگرىچىلىرى قوپاللىق قىلىپ، تۇيۇقسىز قورۇلغا ئېلىپ ئوق چىقاردى» ناملىق ماقالە بېسىلىپ، ئۇنىڭدا تاجىكىستاننىڭ قىرغىزىستانغا نوتا ئەۋەتكەنلىكى ئېيتىلغان.
ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاجىك پۇقرالىرى ئىسفارىن ناھىيىسىنىڭ ۋورۇخ دېگەن جايىدا تۇرۇبا قويۇۋاتقاندا ھازىرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تېخى ھەل قىلىنمىغان «تامدىق» پوستىدىكى قىرغىز چېگرىچىلىرى ئۇلارنى قانۇنسىز ھاقارەتلىگەن ۋە ئىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. يېقىن ئارىدا خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تاجىك چېگرىچىلىرى يېتىپ كەلگەندە قىرغىز چېگرىچىلىرى ئۇلارغا قارىتىپ ئوق ئاتقان. تاجىك چېگرىچىلىرى بولسا بىرمۇ ئوق چىقارمىغان.
بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا «تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقى يەنە شۇ مەملىكەت چېگرا خىزمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىنى ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭدا تاجىكىستاننىڭ قىرغىزىستان تەرەپكە قارىتىپ گۇرۇپپىلىق ئوق چىقىرىپ، خەلقئارا نورمىلارنى بۇزغانلىقى، بىر قىرغىز چېگرىچىسىنىڭ ئېغىر يارىدار بولغانلىقى ئېيتىلغان. خەۋەردە شۇنداقلا قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تاجىكىستانغا نوتا تاپشۇرغانلىقى، چېگرادىكى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بىۋاسىتە تاجىك چېگرىچىلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.