24 - ماي كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك، توقماق، قارابالتا قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن 500 گە يېقىن كىشى بىشكەكتىكى «ۋېرسال» رىستۇرانىغا جەم بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلەشتى.
قىرغىزىستاندا 160 قا يېقىن مەھەللىۋى مەشرەپلەر بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىتتىپاق مەركىزى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئۆمەر ھەمرانىڭ تەشەببۇسى ۋە ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن 2005 - يىلى ماي ئېيىدا چوڭ تىپتىكى قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپى ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەمدە شۇ قېتىمقى مەشرەپتە ئۆمەر ھەمرا ئەپەندى باش يىگىت بېشى بولۇپ سايلانغان ئىدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئون يىل داۋامىدا 60 قېتىمدىن كۆپرەك چوڭ تىپتىكى مەشرەپ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ،ياشلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاساسىدا تەربىيەلەش، قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان قاتارلىق قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن سۆز قىلغان قىرغىزىستان پارلامىنتىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىمۇف مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

- مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقى. ئاتا - بوۋىلىرىمىز مەشرەپنى بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن، بىزمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇشىمىز كېرەك. قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپى ئۇيۇشتۇرۇلغان 10يىل داۋامىدا مەشرىپىمىزنىڭ باش يىگىت بېشى ئۆمەر ئاكا ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مەن بۈگۈن بارلىق مەشرەپ ئەھلى نامىدىن ئۆمەر ئاكىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمە».
ئىتتىپاق جەمئىيىتى نامىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن رەئىس ئارتىق ھاجىم باش يىگىت بېشى ئۆمەر ھەمرا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، قىرغىزىستان مىللەتلەر ئاسسامبىلىيەسىنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى داۋامىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا ئۆمەر ھەمرا ئەپەندى يەنە بىر قېتىم قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ باش يىگىت بېشى بولۇپ سايلاندى ھەمدە ئۇنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن مەشرەپنىڭ تەشكىلى ھەيئىتى ئەزالىرى قايتىدىن تولۇقلاندى.
مەشرەپ جامائىتىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆزگە چىققان ئۆمەر ھەمرا ئەپەندى خەلقنىڭ ئۆز ئەمگىكىنى يۇقىرى باھالىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دىدى:
- مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيان جامائەتنىڭ قوللىشى ۋە تىجارەتچى ياشلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. مەن ياشلىرىمىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپىنى كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيدىغان سەنئەت باغچىسىغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
خاتىرىلەش پائالىيىتى داۋامىدا، قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىن كەلگەن سەنئەتكارلار قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىكى سەنئەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە نادىر سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆپچىلىككە تەقدىم ئەتتى.