قىرغىزىستاندا نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت بۇيىچە شەھەر، يېزىلاردا تەنتەنىلىك پائالىيەتلەر ئۆتتى. پايتەخت ھۆكۈمىتى ۋە قىرغىزىستان خەلقى ئاسسامبىلېيەسى تەرىپىدىن بىشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. شۇنداقلا مىللىي تائاملار كۆرگەزمىسىدە، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشى ھەر خىل ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەييارلاپ زىيارەتچىلەرگە ئىكرام قىلىشتى، «يۇلتۇز» ئۇسۇلچى قىزلار توپى نەپىس ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى ئورۇنلاپ بېرىشتى.
كەڭبۇلۇڭ يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللار جامائىتى باشچىلىقىدىكى پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت خەلقى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى نۇرئامىنەم ئىسمائىلوۋانىڭ ئۆي، قوراسىدا نورۇز مەرىكىسى ئۆتكۈزدى. ئۇلار، 20-مارت كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ خەتمە قۇرئان قىلىپ، سۈمەلەك پىشۇرۇشقا باشلىدى. سۈمەلەك نورۇزنىڭ دەسلەپكى بىشارىتى بولغانلىقىدىن، بۇ تائام ئۈچۈن بۇغداينى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۈندۈرمە قىلىش كېرەك. سۈمەلەك بۇغدىيىغا مەسئۇل بولغان تۇرسۇنئاي كادىرۇۋا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇغداينى يۈيۈپ تازىلىدۇق، كۈنگە يېيىپ قورۇتتۇق، سۇ قۇيۇپ تۇرغان ئىدۇق، ئاندىن، بۇغداينى ئۈندۈرۈپ، ئۇن بىلەن ئەزدۇق، 1 كىلو بۇغدايغا 3 كىلو ئۇن قوشۇپ، شۇنىڭ بىلەن سۈمەلەكنى باشلىدۇق.»
21-مارت بايرام كۈنى يېزا جامائىتى تەنتەنىلىك مۇراسىمنى باشلىدى، ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ۋە ناخشىلار ياڭرىدى. ئانا-ھەدىلەر ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ ئۇسۇلغا چۈشىتى.
چوڭلار دۇئا قىلىپ ئاللاھتىن تىنچلىق ۋە سالامەتلىك تىلىدى.
كەڭبۇلۇڭ يېزىسىدا بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ پائالىيەتتىن مەمنۇن بولغان مېھمانلار ئاياللار كېڭىشىگە رازىمەنلىكلىرىنى بايان قىلشتى ھەمدە بايرامدىن كېيىن جامائەت كۈچ چىقىرىپ يېتىم-مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
0:00 / 0:00