1916‏-يىلدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ «ئىرقىي تازىلاش» ئىكەنلىكى رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.09.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ghelibe-kuni-sowet-305.jpg غالىبىيەت خاتىرە كۈنى تەبرىكلەندى. 2005-يىلى 9-ماي. موسكۋا.
wikipedia.org

1916‏-يىلى چاررۇسىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن قىرغىز پۇقرالىرىنىڭ خاتىرە مۇنارىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2‏-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلدى.

بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايېف 1916‏-يىلى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى «ئانا ۋەتەن ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش يولىدىكى مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭى» دەپ تەرىپلىگەن. ئەمما ئۇ يەنە، قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق تارىخىي بارلىقى، تارىخى ئورتاقلىق كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

1916‏-يىلى چاررۇسىيە 1‏-دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرگە دۇچ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىز ۋە قازاقلارنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ، ئۇلارنى ئارقا سەپ ئىشلىرىغا سېلىشنى قارار قىلغان. ئەمما، ئۇنىڭ قارارى قازاق ۋە قىرغىز خەلقلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، 1916‏-يىلدىكى قىرغىزلارنىڭ قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، چاررۇسىيەنىڭ تۈركىستان گوبىرناتورى قوزغىلاڭنى قانلىق باستۇرىدۇ.

قىرغىزىستان پارلامېنتى مەزكۇر ۋەقەنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شۇ ۋەقەدە 100 مىڭدىن 270 مىڭغا قەدەر قىرغىز پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن، ئون مىڭلىغان قىرغىز پۇقراسى ئۇيغۇر رايونىغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف شۇ ۋەقەدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف: «بۇ يەردە يالغۇز قىرغىزلارلا قىرىلىپ كەتكەن ئەمەس. ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارمۇ بار. ھازىر ئەمدى ماتېرىياللار چىقىۋاتىدۇ. بۇ مۇشۇ 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى 10-ئايلاردا بولغان ئىش بۇ. تاغدىن ئاشۇ بىزنىڭ ئارتۇش تەرەپكە ئۆتىدىغاندا، بىزنىڭ ئىسسىقكۆل تەرەپتىن ئۆتكەن يەردە نۇرغۇن ئادەم ئاشۇ يولدا قىرىلىپ كەتكەن. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇ يەردە نۇرغۇن سۈڭەكلەر تېپىلىدۇ. قىرغىز ئالىملىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەردە يالغۇز قىرغىزلار ئەمەس، ئۇيغۇرلارمۇ بار.

ئەمما، ئۇيغۇر سانى، شۇ ۋاقىتتا ياشىغان، ھازىر قانداق بۇ يېپىق ماتېرىياللار. بۇنى گەپنىڭ ئوچىقىنى ئېيتقاندا، ھازىر ئاچالمايمىز. ئۇ كېلەچەكتە مىللەتنىڭ تەقدىرى يېشىلگەن ۋاقىتتا ئېچىلمىسا، ھازىر ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيىشكە بولمايدۇ» دېدى.

روزىمەمەت ئابدۇلبايېف يەنە، بۇنىڭدىن 100 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن بىر تارىخىي پاجىئەگە خاتىرە مۇنارى تىكلەپ، قۇربانلارنى ئەسلەش ئىنتايىن توغرا ھەم ئەھمىيەتلىك ئىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە ئۇ مەيلى ياخشى بولامدۇ ياكى يامان بولامدۇ، تارىختىكى ئىشلارنى ئەلۋەتتە بىلىش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە مانا قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدىكى يېپىق ماتېرىياللارنى ئېچىپ شۇلارنى كۆرۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، 1916‏-يىلى بولغان بۇ ئىش، شۇ ۋاقىتتىكى چاررۇسىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارشى بولغان قوزغىلاڭ. ھازىر شۇ ماتېرىياللار بېسىلىپ خەلقنىڭ ئېسىدە تۇرسۇن، دەپ قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار، مېنىڭچە توغرا ئىشلار. چۈنكى، خەلق ئۆتمۈشىنى بىلىشى كېرەك. مەيلى ئۇ قانچىلىك پاجىئەلىك بولامدۇ، چۈنكى مىللەت ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشۇنداق ئىشلار بىلەن كۆتۈرىدۇ.»

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىشپاقى پارچىلىنىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان خەلقى ئورتاق بىر مىللىي كىملىك تىكلەشكە كىرىشكەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تارىخىي ۋەقە، ھادىسىلەر، تارىخىي شەخس، ئورتاق تىل ۋە ئەدەبىيات مىللىي كىملىك بەرپا قىلىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىللار. ئۇ، قىرغىزىستاننىڭ 1916‏-يىلدىكى ۋەقەگە خاتىرە مۇنارى تىكلىشى مۇشۇنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاھار بارات: «بۇ ياخشى ئىش بۇ. ئەمدى ھېلىقى ئۆزىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىرغىز خەلقىنىڭ تارىخىدىكى چاررۇسىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقارغانلىقى، بۇ قىرغىز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەممە تەرەپتىن ئېيتقاندا ياخشى ئىش. بۇنى قوللاش كېرەك.»

ئەمما دوكتور قاھار بارات يەنە، قىرغىزىستاندا بولشىۋىكلار دەۋرىدە يەنە نۇرغۇن قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، قىرغىزىستاننىڭ ئوخشاشلا بۇ قىرغىنچىلىقلارنى ئېنىقلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «قىرغىزىستاندا بۇلا ئەمەس، بۇ يەردىكى ھازىرقى قىرغىزلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ناھايىتى ئىنچىكە مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر قىرغىزلار ئۆز مىللىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھېسابقا ئالىدىغان بولسا، بولشىۋىكلارنىڭ قىرغىز رايونىدا ئۆتكۈزگەن نەچچە قېتىملاپ چوڭ قىرغىنچىلىقى بار. بۇلارنىمۇ چوقۇم كۆتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. نۇرغۇن بىگۇناھ قىرغىز خەلقىنى بولشىۋىكلار قىرىۋەتكەن شۇ چاغدىكى بولشىۋىك -مىنشىۋىك، دەپ قىرغىزلار ئاڭلاپ باقمىغان ناملار بىلەن. بۇنىمۇ كۆتۈرۈپ چىقىش كېرەك.»

لېكىن 1916‏-يىلى يۈز بەرگەن شۇ قىرغىنچىلىقنى قانداق ئاتاش مەسىلىسى قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلدى. قىرغىزىستان تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل 4‏-ئايدا مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى «ئىرقىي تازىلاش» دەپ ئېلان قىلغان. ئەمما رۇسىيە مەزكۇر ۋەقەنى بۇنداق ئاتاشنى رەت قىلغان.

روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف، قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە رۇسىيەنىڭ كۈچىنى نەزەردە تۇتقاندا قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بۇنداق بىر قارار چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف: «ھازىر ئەمدى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئۇنداق دېيىشكە بۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى بىلىسىز، چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، رۇسىيەنىڭ كۈچىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئۇ ھازىر بىر تەرەپلىمىلىك ئۇنداق بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. پارلامېنت ئۇنى قوبۇل قىلسا، بۇ يەردە چوڭ چاتاق چىقىدۇ. مەسىلەن، سىزمۇ بىلىسىز، گېرمان پارلامېنتى ئەرمىنىلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى، دېگەندە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ چاتاق چىقتى. شۇڭا، بۇنىڭغا پارلامېنت نېمە دەيدۇ، قانداق قارار چىقىرىدۇ، ئۇنى بىلمەيمەن. ئەمما پارلامېنت ھازىر ئۇنداق قارار چىقىرالمايدىغۇ دەيمەن» دەپ كۆرسەتتى.

قىرغىزىستان تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئازىمبېك بېكنەزەروف بۇ يىل 15‏-ئاۋغۇست ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، كومىتېتنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن 2016‏-يىلدىكى ۋەقە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ باشلىقى سېرگىي نارىشكىن، بۇنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، «بۇنىڭدىن يۈز يىل ئاۋۋال ھەممە مىللەتلەر زۇلۇم چەكتى» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.