قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆملۈكتە روزا ھېيتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.06.15
Qirghizistanda-Rozi-Heyt-2018-01.jpg قىرغىزىستاندىكى ھېيت نامىزىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 15-ئىيۇن. قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كوپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت، ئۇلار ئۆز مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ياخشى ساقلاپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 60 مىڭغا يېقىن دەپ سانىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە 15-ئىيۇن كۈنى روزا ھېيتى نامىزى ئوقۇدى ۋە ئۆز ئادەتلىرى بويىچە ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، بىر-بىرىنى تەبرىكلىدى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر ئاي روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس پەرزىنى ئادا قىلىپ، يېتىم-مىسكىنلەرگە سەدىقە بېرىپ، شۇنداقلا قۇرئانى كەرىم نەزىل قىلىنغان قەدىر كېچىسىنى قۇرئان تىلاۋەت بىلەن تۈنەپ، 15-ئىيۇن كۈنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتى. 

روزا ھېيتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىدىن بىرىدۇر. روزا ھېيتى داستىخانلار سېلىنغان، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغان، قېرىنداشلاردەك بىر-بىرىنى باغرىغا بېسىپ ھېيتلىشىدىغان كۈندۇر. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرەكلىرىنى قايغۇ ۋە غەمگە سالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مۇقەددەس بايرامدا كۆڭۈللىرى يېرىم ھالدا ھېيتلاشتى. 

رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف بۇ ھەقتە ئۆز ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلدى. 

ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان نوۋوپوكروۋكا، لېبېدىنوۋكا، ۋوستوك ۋە كەڭ بۇلۇڭ قاتارلىق يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلار مەھەللىلەرنىڭ مەسچىتلىرىگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزىنى ئۆتەپ، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە، قىرغىزىستاندا ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، دۇئا تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، چوڭلاردىن باشلاپ ئۆيمۇ-ئۆي ئايلىنىپ ھېيت پەتىسى ئوقۇشتى.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ مەسچىتىدە ناماز ئۆتەپ چىققانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نوۋوپوكروۋكا مەھەللىسىنىڭ يىگىت بېشى غەيرەت جاھانوف بۇ يىلى رامزان ئېيىنىڭ ھەر كۈنى نوۋوپوكروۋكا مەسچىتىدە 300 غا يېقىن مۇسۇلمان ئىبادەت قىلغانلىقى ئېيتىپ ۋە بۇ يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن سەپدىشى ياسىنجان ماخمۇدىنى، شۇنداقلا ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ۋە مۇھەممەد سالىخ قاتارلىق دىنى زاتلارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

غەيرەت ئەپەندى يەنە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپى ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىپ، دىنىي بىلىملىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى رەشىدەم ئەمەتخانوۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىسلام دىنىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆگەنگەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇپ قەدىر كېچىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق دىنىي مۇراسىملار ئەزەلدىن ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇ بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر تەھدىتلەردىن پەرىشان بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان «ۋوستوك» يېزىسى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ساخاۋەتلىك ئۇيغۇر يىگىتلەر يېڭى مەسچىت سېلىپ، ئىسلام دىنىنى چىڭ تۇتۇپ كەلمەكتە. بۇ يېزىدىكى ئاياللار بىرلىشىپ، بىر بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن يىغىن ئېچىپ، بۇلارنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە. مەزكۇر يېزىدىكى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى زۇلپىيە غلاجىدىن بۇ ھەقتە بايان قىلدى.

قىرغىزىستاننىڭ چۇي، ئوش، جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدە شۇنداقلا ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىنىڭ قارا-كۆل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر ھېيتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف ئۇيغۇرلارنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ھېيت بىلەن تەبرىكلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.