قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «لاگېرلار» غا قىرغىزلارنىڭمۇ قامالغانلىقى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ھەققىدە ماقالىلەر پات-پاتلا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى شۇنىڭدەك بۇ مەسىلە قىرغىزىستان ھۆكۈمەت تەرەپكىمۇ يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ لاگېرلاردا ئۇيغۇر، قازاق، تاتارغا ئوخشاش تۈرك-مۇسۇلمان خەلق ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە قىرغىزلارنىڭمۇ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەربابلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىدا ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە مىليوندىن ئارتۇق ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە يەنە قازاقلار، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تېخنىكىلىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى دەپ ئاتاۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى قەيت قىلىندى. نۆۋەتتە، قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدا ۋە بەزى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى قىرغىزلارنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

«ياۋرو-ئاسىيانېت» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قىرغىزىستان: ئەمەلدارلار شىنجاڭ مەسىلىسىدە پەخەس بولماقتا» ناملىق ماقالىدا دېيىلىشىچە، قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىرغىزلارنىڭ تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەن ھالەتتىمۇ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە تىرىشماقتىكەن. لېكىن ماقالىدا يەنە قىرغىزىستان جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھاكىمىيەت دائىرىلىرىگە ئوخشاش ئۈندىمەي يېتىشتىن كۆرە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىڭغىز ئايداربېكوف مۇخبىرلارغا بەرگەن سۆھبىتىدە قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىكى قىرغىزلار توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما قىرغىزلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ھازىرچە ئىسپاتلانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا قىرغىزلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرنى تەكشۈرمەكتە» دېگەن ماقالىدا ئېيتىلغان.

«قىرغىزىستان 24» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «خىتايدىكى قىرغىزلار نەگە يوقاپ كېتىۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا مەملىكەت پايتەختى بىشكەكتە «خىتايدىكى قىرغىزلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش كومىتېتى» قۇرۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىگە، يەنى قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلگەن 70 كىشى ئەزا بولۇپ كىرگەن. بۇ كومىتېت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەرزلىرىنى يىغىپ، بۇ ھەقتە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى نامىغا خەت يازغان.

بىز ئەنە شۇ كومىتېت ۋەكىلى مارات تاغايېف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى قىرغىزلار توغرىلىق مەلۇماتلار بىزگە 2016-يىلدىن تارتىپ شۇ ياقتىكى تونۇش-بىلىشلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن كېلىشكە باشلىدى. مۇنداق مەلۇمات 2018-يىلى يازدىن تارتىپ كۆپلەپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئاۋغۇست ئېيىدىن تارتىپ تۇتۇلغان قىرغىز زىيالىيلىرى توغرىلىقمۇ مەلۇماتلار چۈشتى. مەسىلەن، مەشھۇر پروفېسسور مامبېتتۇردۇ مەمبېتاكۇن، ئاسقار جۇنۇسقا ئوخشاش زىيالىيلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر. يېقىندا بىزنىڭ قىرغىز ۋەكىللەر ئالمۇتا شەھىرىگە بىر يىغىنغا بېرىپ قاتناشقان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ كومىتېت قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا شۇنداق مەلۇماتلارنى توپلاش ۋەزىپىلىرىنى قويدۇق. ھازىر ئۇ ياقتىكى قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە ياۋروپادا، ئامېرىكىدا ۋە خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىدا كۆپ مەلۇماتلار بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىزدە قىرغىز ئېلى بۇنىڭدىن خەۋەردار ئەمەس. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قېرىنداشلىرىمىز توغرىلىق مەلۇماتلارنى بېرىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلدۇق. قامالغانلارنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دەپ سالاملاشقىنى، تېلېفوندا ‹ۋاتساپ› نىڭ بولۇپ قالغىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن لاگېرلارغا قاماۋېتىپتۇ. ئۇلارغا رەسمىي تۈردە دىنىي رادىكاللىق ئەيىبىنى قويغان ئىكەن. ئۇلاردا نەدىن دىنىي رادىكاللىق بولسۇن؟ مەسىلەن، پروفېسسور مامبېتتۇردۇ مەمبېتاكۇن دىنىي رادىكالچى دېگەنگە ھېچ قاچان ئىشەنمەيمەن. بىز مەلۇماتلارنى قولىمىزدىن كېلىشىچە يىغدۇق. مەسىلەن، قىرغىزىستانغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان 45 ئوقۇغۇچى ۋە بىر مۇئەللىم ئويىغا كەلگىنىنى دېگەن ئەمەس. بۇنىڭدىن تاشقىرى 101 ئادەمنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى تەستىقلىدى. بۇ پەقەت ئىسىملىرى ئېنىقلانغانلار.»

مارات تاغايېف يەنە جازا لاگېرلىرىدىكى قىرغىزلار مەسىلىسىنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمەت دائىرىسىدە قارىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە نازۇك بولۇپ، ئۇنى دىپلوماتىيەلىك يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىرغىزىستاندىكى تونۇلغان ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى نۇربېك توكتاخۇنوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەنكى، قىرغىز ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا بۇ يەردە بىر نەرسە قىلىش قىيىن. چۈنكى ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ قارارلىرىنى ئورۇنلىمايۋاتسا، ئۇ ياقتىكى ئىنسان ھەقلىرى توغرىلىق نېمە دېيەلەيدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرى كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتسا، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەرزى ئۇلارغا ھۆرمەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ يەردە قانداقتۇر بىر كەڭرەك، يەنى خەلقئارا دەرىجىدىكى مەسىلە تۇرىدۇ. خىتايدىكى، رۇسىيەدىكى ئەھۋال ھەممىسىگە ياخشى مەلۇم. بۇ يەردە خەلقئارا مېخانىزمىنىڭ ئىشلىشى مۇمكىن ئەمەس، سەۋەبى، مەسىلەن، خىتاي ئۆزى كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئىقرار قىلمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى چوڭ سىياسىي مەسىلە دەپ چۈشىنىمەن».

نۇربېك توكتاخۇنوف قىرغىزىستاننىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقىنى پەقەت ۋاقىت كۆرسىتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

«گېزىتتېر ئورگ» تورىدا بېرىلگەن بېكبولوت سارىبايېفنىڭ «خىتاي قىرغىزى: مېنىڭ دادامنى قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا ئېلىپ كەتتى. بىر يېرىم يىل بولدى ئۇ ھەقتە ھېچ نەرسە مەلۇم ئەمەس» دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 29-نويابىردا لاگېرداردىكى قىرغىزلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق «خىتايدىكى قىرغىزلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش كومىتېتى» مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققانلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز يېقىنلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بىرەر مەلۇمات ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بەزىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولىنىپ، قىيناشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازالاش لاگېرلىرىدىكى قىرغىزلار سانى ھەققىدىمۇ ھەر خىل پىكىر-تەخمىنلەر پەيدا بولماقتا.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرچە «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى، سىياسەتشۇناس ئابدۇرېھىم ھاپىزوف شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر قىرغىزىستاندا شەكىللەنگەن ۋەزىيەتنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ھازىر خىتاي مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى يوشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ روياپقا چىقمايۋاتىدۇ. بەرىبىر ئۇيغۇرلاردىن باشقا قىرغىزلار، قازاقلار بۇ ھەقتە مەلۇماتلار ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھازىر خىتايغا بولغان كۆزقارىشى باشقىچە بولماقتا. ھازىر قىرغىز خەلقى، زىيالىيلىرى خىتاي ئۇيغۇرلاردىن باشقا قىرغىزلارنىمۇ تۇتۇۋېتىپتۇ، نەچچە مىڭلىغان قىرغىز تۈرمىدە ئىكەن دەۋاتىدۇ. ئومۇمەن بۇ مەسىلە كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئويلايمەنكى، خىتاي كوممۇنىستلىرى مىڭ يوشۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقىلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن خۇشاللىق، خىتايغا بولسا، چوڭ مۇشت تېگىش بولۇۋاتىدۇ».

قىرغىزىستاندىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن يېقىندىن تونۇش قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاننىڭ ئارقىسىدىن قىرغىزىستاندىمۇ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار بىلەن جامائەتچىلىك بىرلىشىپ، شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەكتە. ئۇلار شۇنداقلا مەملىكەت پرېزىدېنتىغا ۋە ئالىي كېڭەشكە مۇراجىئەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇمكىن بولغان بارلىق تەشكىلاتلارغا بېرىپ، تەلەپلىرىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەنكى، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ قازاقىستان ئوخشاش ھەرىكەتلەرگە بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېلەچەكتە مەركىزىي ئاسىيادىكى بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بىرلەشكەن كومىسسىيەلەر قۇرۇپ، مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كۈتۈلمەكتە.»

غالىم ئاگېلېئۇئوف قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەتكە ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئۆز تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈشكە قادىر كۈچلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئەنە شۇ كۈچلەرنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل قىرغىزىستان جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىدىن سىرت قالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى. ئۇ بۇ مەسىلىدە قوشنا قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئۆزئارا بىرلىشەلەيدىغان كۆپلىگەن مۇمكىنچىلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ھەر خىل ئاممىۋى قاراش مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئىستاتېستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار 11 مىليون 270 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن نوپۇسنىڭ 48% نى ئىگىلەيدىكەن. قازاقلارنىڭ سانى 1 مىليون 590 مىڭ، قىرغىزلارنىڭ سانى 202 مىڭ ئىكەن. قىرغىزلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەلىكىدىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارقالغان بولۇپ، يەنە بىر قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستىغا تارقالغان. نۆۋەتتىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قاماش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئەنە شۇ قازاقلار، قىرغىزلار، ۋە سانى ئازراق بولغان ئۆزبېكلەرنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.