ياپونىيە ژۇرنىلى: قىرىم مەسىلىسىدە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا تۈركىيىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان شۇكان شىنچاۋ ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا «قىرىم مەسىلىسى پۇتىن ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۇشۇقىنى چىقىۋېتىشى مۇمكىن» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى قىرىم مەسىلىسى ھالقىلىق تىما قىلىنغان بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىننىڭ قىرىمدا قانچىلىك پۇت تىرەپ تۇرالىشىغا باھا بېرىلىپ،قىرىم مەسىلىسىنىڭ ئۆزىنى كۈچتۈڭگۈر ھېسابلاپ كېلىۋاتقان پۇتىن ئىمپېرىيىسىنى ھۇشۇقىدىن ئايرىۋېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە، ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيىنىڭ سۇچىدا ئېچىلىدىغان تەرەققىي تاپقان سەككىز دۆلەت يىغىنىغا كىمىكى قاتناشمىسا، ئۇ، شۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى ھېسابلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق دۈشمىنىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغانلىقى ئېيتىلغان.

ماقالىدە ھازىرقى ۋاقىتتا قىرىم مەسىلىسىدە پۈتكۈل ئىشلارنىڭ رۇسىيىنىڭ ئۆز رايى بويىچە كېتىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر كىرگۈزۈشى ۋە ئەسكەر سانىنى ئاشۇرۇشى قاتارلىق بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، رۇسىيىنىڭ بۇنىڭغا پەقەتلا ئەمەل قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە «رۇسىيە ئۇكرائىناغا 12 مىڭدىن 30 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇكرائىنانى تەلتۆكۈس ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىغا ئېلىپ بولدى. رۇسىيەنىڭ بۇ خىل ھەربىي كۈچى ئارقىلىق قىرىم مەسىلىسىدە ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش سايلىمىدا شۆبھىسىز غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان ئىدى» دېيىلگەن.

ماقالىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن قاتارلىق رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ساياھەتلىرىگە ۋىزا بەرمەسلىك جازاسىنى قوللانغانلىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ھەمدە «ياۋروپا بىرلىكى قىرىم مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئورتاق بىر پىكىرگە كېلەلمىدى. سەۋەبى شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيەنى تازا ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار قىرىم مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللىمىدى» دېيىلگەن.

مەزكۇر ژۇرنالدىكى ماقالىدە «ياۋروپا بىرلىكىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئېھتىياجى ۋە شۇنداقلا ئېكسپورت - ئىمپورتتىن ئىبارەت سودا ئالاقىسىنىڭ چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ياۋروپا بىرلىكى قىرىم مەسىلىسىدە رۇسىيەگە كۈچلۈك ھالدا تاقابىل تۇرالمىدى» دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە، ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئېكسپورت سودا قىمىتىنىڭ 70 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى شۇنداقلا بىر قىسىم ئەللەرنىڭ 6% ئېنېرگىيەسىنىڭ رۇسىيەدىن كېلىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، پۇتىنغا قىرىم مەسىلىسىدە كۈچلۈك بېسىم قىلىشتا يەنىلا ئىقتىسادىي مەنپەتلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا، رۇسىيە خەلقىنىڭ 67% ىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىلگەن.

ماقالىدە ھازىرقى پۇتىن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى دەپ قارالغان بىر قانچە نۇقتىلار ياپونىيەلىك ئوتتۇرا شەرق ئىقتىساد ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ناكاشىمانىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى بويىچە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «ھازىرقى پۇتىن ئىمپېرىيىسى سۈرىيە، لىۋىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن يېقىنلىشىپ شىمالىي ئافرىقىنى قولغا ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۇتىن بەلكىم قارا دېڭىزنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەربىي بازا قۇرۇشنى نىشانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر پۇتىن قىرىمنى مەركەز قىلغان ھالدا قارا دېڭىزدا ھەربىي بازا قۇرسا، ئەلۋەتتە ئۇلار تۈركىيىدىكى پوسپۇر بوغىزىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرىشى كېرەك. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر تۈركىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تەكلىپى بويىچە رۇسىيەنى جازالاش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ پوسپۇر بوغىزىدىن ئۆتۈشىگە ئىجازەت بەرمىسە،رۇسىيەنىڭ قىرىم ئارىلىنى قولغا ئېلىشى بىر مەنىسىز ئىش بولىدۇ. ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئامېرىكا ھازىر پۈتۈن ئىشەنچىسىنى تۈركىيەگە باغلاپ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشىنى كۈتمەكتە. بۇ ئۈمىد ئەمەلگە ئاشامدۇ - يوق؟ ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس. تۈركىيەنىڭ ئېلېكتر مەنبەسىنىڭ 32%،تەبىئىي گازىنىڭ 58% ى رۇسىيەدىن كېلىدۇ. ئەگەر تۈركىيە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ رۇسىيەنى جازالىسا، ئۇنداقتا ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلىتى قاتاردىن تۈركىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا قىرىم ئارىلىدا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقان پۇتىن ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۇشۇقىنى چىقىۋەتكەتكىلى بولىدۇ» دېگەن.

ئەمما، ياپونىيەدىكى بەزى ئوتتۇرا شەرق سىياسىي ئىقتساد تەتقىقاتچىلىرى، تۈركىيەنىڭ قىرىم مەسىلىسى توغرىسىدا رۇسىيەگە سۆز ئېچىشىنى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىكەن. بۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەردىن بىرى بولغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى يامادا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

- تۈركىيە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كۆپلەپ پايدا ئالىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پايدىسىنى قايرىپ قويۇپ،قىرىم مەسىلىسى توغرىسىدا رۇسىيە بىلەن يامانلىشىپ قىلىشنى خالىمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بولسا 18 - مارت كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىننىڭ قىرىم رەھبەرلىرى بىلەن قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلغانلىقىغا ئائىت شەرتنامىگە ئىمزا قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن، باش ۋەزىر شىنزو ئابې شۇ كۈنى پارلامېنتتا ياپونىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ياپونىيەلىك ئوتتۇرا شەرق ئىقتىساد ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ناكاشىمانىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرى ئۈستىدە توختالغان، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قىرىم مەسىلىسىدىكى تۈركىيەنىڭ مەيدانى ھەققىدە توختالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.