قىرىمدىكى رېفراندۇم خىتاينى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا

0:00 / 0:00

قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفراندۇم ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار بۇنى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇز، دەپ قارىدى. ئەمما داۋاملىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ «ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى» نى تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا قىرىم مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇشنى تاللىۋالدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبىدىن قەدىناس شېرىكى رۇسىيەنى قوللاش-قوللىماسلىق مەسىلىسىدە قاتتىق سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

قىرىمدا يەكشەنبە كۈنى رېفراندۇم ئۆتكۈزۈلۈپ، قىرىم خەلقىنىڭ 96 پىرسەنتى ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ چىقىپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇش ھەققىدە ئاۋاز بەرگەن ئىدى. ئۇكرائىنا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رېفراندۇمنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما بۇنىڭغا قارىماي، سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قىرىم ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسىنى ئىمزالاپ، پارلامېنتقا رەسمىي يوللىدى. ئۇ بۈگۈن قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ قىرىمدىكى رۇسلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداقلا رېفراندۇمنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇنلۇقىنى، ئۇنىڭ ھەر كىمنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە قىرىم رېفراندۇرۇمىنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىگە ئوخشاتتى ۋە ئۇكرائىنانىڭمۇ 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولۇپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، رېفراندۇم نەتىجىسىنىڭ قىرىم خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا رېفراندۇمدىن نارازى. ئۇلار دۈشەنبە كۈنى بىر قىسىم رۇس ۋە ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى يولغا قويدى. ئەمما مەزكۇر ۋەقەدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر تەرەب بار. ئۇ بولسىمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزانىڭ بىرى، رۇسىيەنىڭ يېقىن شېرىكى خىتاي. ھازىر خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ قىرىم مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىگە ئىنتايىن قىزىقماقتا. ھازىرغىچە ھەرقانداق مەسىلىدە رۇسىيە بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ كەلگەن خىتاي شەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رېفراندۇمنى قانۇنسىز دەيدىغان بىر قارار لايىھىسىگە ئاۋاز بەرگەندە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، تەرەپسىز تۇرۇۋالغان ئىدى. رۇسىيە بولسا لايىھىنى رەت قىلغان. خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونا سەپدىشى رۇسىيەنى قوللاش-قوللىماسلىق مەسىلىسىدە ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ سەزگۈر مەسىلىسى بولغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە بېرىپ چېتىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلماقتا. بۈگۈن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

خەلقئارادىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر ۋە شۇنداقلا خىتاي ئىچىدىكى كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى «يىپ ئۈستىدە مېڭىش» قا ئوخشاتقان. مەزكۇر مەسىلە، ھازىر خىتايدىكى مۇنازىرە تور بەتلىرىدىمۇ كەڭ مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تورداشلار بۇ ھەقتە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرگەن. خاففىڭتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم تورداشلار رېفراندۇمنى قوللاپ «بۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ دۇنيانى سورىيالمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن. يەنە بەزىلەر بۇنى ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىشى، دېگەن. يەنە بەزى تورداشلار بولسا بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇكرائىنانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ، بىر كۈنى خىتاينىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بىر تورداش بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئەگەر بىر كۈنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا شىنجاڭنى، ئىچكى موڭغۇلىيەنى ۋە تىبەتنى كۈشكۈرتۈپ، رېفراندۇم تەلەپ قىلدۇرسا، سىلەر يەنە مۇشۇنداق خوش بولامسىلەر؟ ئۆتمۈشتىكى تراگېدىيە بۈگۈن ئۈچۈن دەرس بولۇشى كېرەك، كېلەچەك ئۈچۈن سىگنال بولۇشى كېرەك. بىز جۇڭگولۇقلار بۇ مەسىلىگە ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

خىتاينىڭ قىرىم مەسىلىسىدىكى ئېھتىياتچان پوزىتسىيىسى خەلقئاراغا بېرىۋاتقان باياناتلىرىدىمۇ ئاشكارىلانغان بولسا، ئۇنىڭ ۋەقەنى مەملىكەت ئىچىدە خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلار رۇسىيەنىڭ قىرىمغا كىرىشى ۋە قىرىمنىڭ رېفراندۇم يولىنى تاللىشى قاتارلىق خەۋەرلەرنى تارقاتقاندا، خەۋەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، خەۋەردە، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، رۇسىيەنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۇكرائىنادىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدەك مەزمۇنلارنى بەكرەك يورغىلاتقان. ئاندىن ئۇلار قىرىمدىكى رېفراندۇم ئۈستىدە توختالغاندا ئۇنى غەرب بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشى، ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېگەنگە ئوخشاش نۇقتىلارنى ئالاھىدە يورۇتۇشقا تىرىشقان. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى قىرىم خەلقىنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سايلام ئېلىپ بېرىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىغا ماڭغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى قىرىمدىكى رېفراندۇم ئەسلى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا خاتا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يەنە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن باھا بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر قىرىمدىكى رېفراندۇمنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەن، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىغىمۇ خىتاب قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان ۋە ھەرگىز بۇنداق رېفراندۇمنى قوبۇل قىلمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرىمنىڭ رېفراندۇم ئارقىلىق رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارادا يالغۇز قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.