قىرىم تاتارلىرى مەجلىسى مىللىي مۇختارىيەت يولىنى تاللىدى

0:00 / 0:00

ئەسلىدە ئۇكرائىنا تەركىبىدە قېلىشنى خالاپ، قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا قارشى تۇرغان قىرىم تاتارلىرى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداق دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ھەققىدە تېخى ئېنىق ئىشەنچكە ئىگە ئەمەستۇر. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار قىرىمدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش پرىنسىپى بويىچە مىللىي مۇختارىيەتكە ئېرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى بۇ مەسىلىدە دەسلەپكى قەدەملەرنى باسماقتا.

قىرىم تاتارلىرى ئۆز تۇپرىقىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە

قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مەجلىسى 29-مارت كۈنى قىرىمدىكى باغچاساراي شەھىرىدە قۇرۇلتاي چاقىرىپ، قىرىمدا مەخسۇس تاتارلارنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلدى.

ئازادلىق رادىئوسى تاتار بۆلۈمىنىڭ نەق مەيدان ۋىدېئو خەۋىرىدە قۇرۇلتاينىڭ جەريانى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قۇرۇلتايغا قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى رېفات چۇباروۋ، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رۇستەم مىڭنېخانوۋ، پۈتۈن رۇسىيە مۇپتىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى راۋىل گاينېتدىن، قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رۇستەم تېمىرغالىيېۋ قاتارلىق ئەربابلار شۇنىڭدەك قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان.

قىرىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ، رۇسىيەگە قوشۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن قىرىم تاتارلىرىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلتىيىغا رېفات چۇباروۋ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، قۇرۇلتاي قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مارشى بىلەن باشلانغان.

قۇرۇلتايدا قىرىمنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىچكى تاشقى مۇناسىۋەت قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان شۇنىڭدەك قۇرۇلتاي بىردەك ھالدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنى قىرىمدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىسىنى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي يوللار ۋە سىياسىي قەدەملەرنى بېسىشنى قارار قىلغان.

قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى رېفات چۇباروۋ سۆزىدە «بىز قىرىمنىڭ قىرىم تاتار مىللىتى شەكىللەنگەن ۋە ئۆز مىللىي دۆلەتچىلىكىگە ئىگە بولغان تارىخىي زېمىن ئىكەنلىكىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيمىز. بىز ئەنە شۇنىڭدىن چىقىش قىلىپ، بۇ كۈنىمىزدە قىرىمنىڭ سالاھىيىتى قىرىمنىڭ يەرلىك خەلقى بولغان قىرىم تاتار خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشماي ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشىسىز ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى» دەپ تەكىتلىگەن.

تاتارىستان پرېزىدېنتى قىرىم تاتارلىرىنى رۇسىيەگە ئىشىنىشكە ئۈمىدلەندۈردى

قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مەجلىسىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلتىيىغا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تەۋە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رۇستەم مىڭنېخانوۋ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن.

سۆزىنى ئالدى بىلەن تاتار تىلىدا باشلاپ، كېيىن رۇس تىلىدا داۋاملاشتۇرغان تاتارىستان پرېزىدېنتى قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەر خىل كۈچلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ باشقا كۈچلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىشىگە يول قويۇپ، كېيىن پۇشايماندا قالماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ يېقىندا پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋە ئۆزىنىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ، بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ۋە قىرىم تاتار خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقى ھەتتا ئۆزىنىڭ پۇتىندىن تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ھەر خىل مەسىلىلەر، جۈملىدىن تارىخىي مەسىلىلەر، تاتارلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىنى ھەل قىلىش ۋە باشقىلاردا سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاتار پرېزىدېنتى قىرىم تاتارلىرىنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تاتارىستاننى مىسال قىلىپ، تاتارلارنىڭ ئۆز جۇمھۇرىيىتىدە رۇسىيە دۆلىتى رامكىسى ئاستىدا سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە ھەر ساھەلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ھەم تەجرىبىلىرى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرىم تاتارلىرى خەلقئارالىق قوللاشقا موھتاج

قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي قۇرۇلتىيى رەئىسى رېفات چۇباروۋ نۇقتىدا قىرىم تاتارلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مەجلىسى ب د ت، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەم ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ قىرىم تاتار خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى.

قۇرۇلتايغا قاتناشقان پۈتۈن رۇسىيە مۇپتىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى راۋىل گاينېتدىن قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا خاتىرجەم ياشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ؛ «قىرىم خەلقى ۋە قىرىم تاتارلىرى ئەمدى قىرىم تاتارلىرىنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ باغلاپ، ئۆز زېمىنىدا خاتىرجەم ياشىشى ھەققىدە كونكرېت قەدەم بېسىشى ۋاقتى كەلدى» دەيدۇ.

ئۇ يەنە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەر بىر خەلق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە» دېدى.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى ئېھتىيات سەۋەبىدىن رۇسلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان قىرىم پايتەختى سىمفېرېپولدا ئەمەس، بەلكى تاتارلار كۆپ جايلاشقان باغچاساراي شەھىرىدە ئاچقان.

رۇسىيە قىرىم تاتارلىرىغا ۋەدە بەردى

مەلۇم بولۇشىچە، قىرىم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قىرىم تاتارلىرىغا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا 20% نىسبەت بويىچە ئورۇن بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 18-مارت كۈنى سۆزلىگەن نۇقتىدا قىرىم تاتارلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پۇتىن سۆزىدە قىرىمدا رۇس، ئۇكرائىن ۋە تاتار تىللىرىنىڭ ھۆكۈمەت تىللىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

قىرىم تاتارلىرى قىرىم نوپۇسىنىڭ 14% نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، رۇسلار ۋە ئۇكرائىنالاردىن كېيىن نوپۇس جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

«نېۋسرۇ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىر ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، قىرىمغا يېتىپ كېلىپ، قىرىم دائىرىلىرى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. بىراق، ھازىرچە، رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ياكى ئۇچراشمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

قىرىم تاتارلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىسىنى قۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلاش قارارىغا قارىتا رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى.

ئۇكرائىنا كرىزىسى خەلقئارالىق ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەنە بىر قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. 30-مارت كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆز خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە ئۇكرائىناغا ئىچكىرىلەپ كىرىش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، 30-مارت كۈنى كەچتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كېررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف پارىزھدا كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى مۇھاكىمە قىلغان. مەتبۇئاتلار گەرچە، مەزكۇر بىۋاسىتە سۆھبەتنىڭ «قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك» دەپ قارالسىمۇ، بىراق نەتىجىلىك بولمىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى. ئەمما، رۇسىيەنىڭ «نېۋسرۇ» تورىنىڭ خەۋىرىدە كېررى-لاۋروۋ سۆھبىتى نەتىجىسى سۈپىتىدە «رۇسىيە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش شەرتلىرىنى ئورۇنداشنى باشلىدى» دەپ بايان قىلىندى.

قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت شارائىتىدا ئېچىلغان ئىدى.