قىرىم تاتارلىرى ۋەكىلى: ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈرىشىمىز
2014.04.04
قىرىم - تاتار خەلق مەجلىسى تاشقى ئالاقىلەر باشقارمىسىنىڭ رەھبىرى ئەلى خامزىن رادىئومىز زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قىرىمنىڭ نە رۇسىيە نە ئۇكرائىناغا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رۇسىيە دائىرىلىرى قىرىم يېرىم ئارىلىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى قۇرۇلتاي چاقىرغان ۋە قىرىمدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قۇرۇش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ئەلى خامزىن ئۆز سۆزىدە بۈگۈنكى كۈندە قىرىم تاتارلىرىنى، بولۇپمۇ تەرەققىيات بىخەتەرلىكىنىڭ تەمىنلىنىشىنىڭ كۆپرەك ئويلاندۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق 1994 - يىلى ئۇكرائىنا، ئا ق ش، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بۇداپېشت شەرتنامىسىدىكى ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەۋجۇت چېگرالىرىنى ھۆرمەت قىلىش توغرىلىق ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھازىر ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىللىي ئاپتونومىيە قۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت دېگەن سوئالىمىزغا ئەلى خامزىن مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
- بىرىنچىدىن، بۇ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەسلىك يەنى قىرىم تاتارلىرى 1783 - يىلغىچە ئۆز مۇستەقىللىقىغا، ئۆزىنىڭ مىللىي مەملىكىتىگە ئىگە بولغاندا رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئۇنى دەسلەپكى قېتىم بېسىۋېلىپ تارتىۋالدى. ئاندىن كېيىن سوۋېت دۆلىتى تەركىبىدە 1921 - يىلى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا رۇس ۋە قىرىم - تاتار تىللىرى دۆلەت تىلى بولۇپ بېكىتىلگەن ئىدى. بۈگۈن بولسا ئۇكرائىنا 23 يىل مابەينىدە بۇ مەسىلىنى قوزغىمىدى، بۇ ھەققىدە بىرمۇ قانۇنىي ھۆججەت قوبۇل قىلمىدى. 23 يىل ئىچىدە ئۇكرائىنا بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلمىدى.
ئۇ شۇنداقلا، بۈگۈنكى كۈندە قىرىم تاتارلىرىنىڭ تەرەققىيات بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشكە كاپالەت قىلالايدىغان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قۇرۇش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىنى، باشقا شەكىلدىكى دۆلەت قۇرۇلۇشىدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى، ئامما رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىنىڭ بۈگۈنكى نىيەتلىرىنى ئىجابىي قوبۇل قىلىشىغا ئۆزىنىڭ گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قىرىم تاتارلىرىنىڭ نىيىتىنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋ. پۇتىننىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چۈشىنىشىنىڭ ھازىرچە نامەلۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەلى خامزىن مۇبادا دۇنيا جامائەتچىلىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ 20 - ئەسىردە قاتتىق جاپا تارتقانلىقىنى، بۈگۈنكى ئېھتىياجلىرىنى، زورلۇقسىز، پەقەت دېموكراتىك يول بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى توغرا چۈشىنىپ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قايتا تىكلەش، بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش بويىچە مەخسۇس خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزسە، پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا بىز بىر نەرسىنى چۈشەنگەن بولار ئىدۇق. ئامما بۈگۈن ئۇنداق نەرسە يۈز بەرمەيۋاتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. ئەلى خامزىن ھازىر قىرىمدا كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ يوشۇرمىدى.
ئەلى خامزىننىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن باشقا بىر مەملىكەتنىڭ يېرىنى تارتىۋالدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن بىز ئىشەنگەن دېموكراتىيە قەدرىيەتلىرىگە ئاساسلانغان دۇنيا قانۇنلىرىنى، يەنى خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ساقلاش قائىدىلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. رۇسىيە ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قىرىم تاتارلىرى خالىغان تەرتىپنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى توغرا كۆرگەن تەرتىپنى تاللىۋالغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئەلى خامزىن ياۋروپانىڭ ۋە ئا ق ش نىڭ ئۇكرائىنا پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى كۈندە قىرىمنىڭ يا ئۇكرائىناغا، يا رۇسىيەگە تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى، قىرىمنى ھەم ئۇكرائىنا، ھەم رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ھەم رۇسىيە، ھەم ئۇكرائىنادىكى شوۋىنىستىك كەيپىياتتىكى مەلۇم بىر كۈچلەرنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆز ۋاقتىدا قىرىم تاتارلىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆز يەرلىرىدىن ھەيدەلگەن ئىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى تىكلەش ئۈچۈن نېمە قىلىنىۋاتىدۇ؟
ئەلى خامزىن ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى تىكلەشكە كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭمۇ ئورۇنلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا، مەسىلەن، يۇرتلىرىدىن قوغلانغان چېچەنلەر، ئىنگۇشلار، قارايچالار ۋە باشقىلارنىڭ ئۆز يەرلىرىگە كۆچۈپ كېلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېگە بولسىمۇ، ئامما قىرىم تاتارلىرىنىڭ مۇنداق مۇمكىنچىلىكلەردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەلى خامزىن ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ 18 - مارتتىن كېيىن، يەنى قىرىم رۇسىيە تەركىبىگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن قىرىم تاتارلىرىنىڭ قىرىمنىڭ يەرلىك خەلقى ئىكەنلىكى توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش دەپ باھالىدى. ئۇ شۇنداقلا قىرىم مىللىي ئاپتونومىيىسىنى تىكلەشتە رۇسىيەنىڭ ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلى خامزىن ھەر قانداق شارائىتتا قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈرىشىدىغانلىقىنى، پەقەت مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە دائىرىسىدىلا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش شەرتى بىلەن مىللەتنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا قىرىم مىللىي ئاپتونومىيىسىنىڭ تىكلىنىشىگە، بىرىنچى نۆۋەتتە، قىرىم رۇسلىرىنىڭ قارشى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تور بەتلىرى ئارقىلىق قىرىم تاتارلىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە ھەتتا بىر نەرسە دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ كۆڭۈلنى ئاغرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلى خامزىن قىرىم تاتارلىرىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بولغان ئۈمىدى ئارتقانلىقىنى، ئامما رۇسىيە قىرىمنى تارتىۋالغاندىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېسىنى بىر ئاز يوقىتىپ قويغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ قىرىم رۇسىيەگە قوشۇلغۇچە مەۋجۇت بولغان قانۇنلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنلا رۇسىيەنى ئۆز پىلانلىرىدىن چېكىنىشكە ئىشەندۈرۈش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەلى خامزىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىلگىرى ھەم ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.