ياپونىيە گېزىتى: خىتاي قىرىمدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆزىگە تۇتىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

ياپونىيەدە چىقىدىغان «يومىئۇرى» گېزىتىنىڭ 9-مارتتىكى سانىدا «خىتاي رۇسىيەنى قوللىمايدۇ»، «خىتاي قىرىمدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆزىگە تۇتىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىلەر بېسىلغان.

«يومىئۇرى» گېزىتىدە دېيىلىشىچە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى ماجىرا باشلانغاندىن بۇيان خىتاي دۆلىتى شى جىنپىڭنىڭ پىكرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بۇ مەسىلىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ خىتاي رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنى ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ سوغۇق قانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە چاقىرغان.

ماقالىدە رۇسىيەنىڭ قىرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن غەرب ئەللىرى ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا ئۆتكەنلىكى، گەرچە خىتاي رۇسىيە بىلەن ئۇزاق ۋاقىتلىق ھەمدوست دۆلەتلەردىن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى قىرىم مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تولىمۇ ئېھتىياتچان دىپلوماتىيە سىياسىتىدە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ: «خىتاي دۆلىتى بۇ مەسىلىدە ھەر ئىككى تەرەپنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ بولغان سىياسىي يوللار بىلەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئالغان.

ماقالىدە خىتاي دۆلىتى گەرچە رۇسىيەنى بۇ مەسىلىدە قوللىمىغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشىغا كۈچلۈك قارشى تۇرغانلىقى، خىتاينىڭ بولسا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاشتا قالغان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پىكرى بويىچە ئىش كۆرۈپ، زېمىن مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىغا ھېچقانداق ھەربىي كۈچلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە يەنە ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ھەرقانداق ھەربىي كۈچلەرنىمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېنىق ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا كۆپ قېتىم شەكلى ئۆزگەرگەن ھەربىي ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىزچىل ھالدا يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىي يول بىلەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە خىتايدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدىمۇ خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى سابىق باش ئەلچىسى سۇسان رايىس بىلەن رۇسىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپىدە سۆھبەتلەشكەنلىكى، خىتاي تەرەپ شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بىر قەدەر قويۇق بولغان پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى،خىتايدىكى كەچلىك گېزىتلەردىن بىرىنىڭ تور بېتىدە: «رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئۇكرائىناغا زاكاز قىلغان ھەربىي پاراخوتلىرىدىن ئىككىنچى پاراخوتىنى پات يېقىندا تاپشۇرۇپ ئالىدۇ»دېگەن سۆزىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.

«يومىئۇرى» گېزىتىدىكى ماقالىدە: «يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۇكرائىناغا ئانچە يېقىنلاشمايدىغان بولدى. سەۋەبى ئۇكرائىنانىڭ غەرب ئەللىرىگە يېقىنلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىن داۋالغۇش ھاسىل قىلىشى خىتاينى بىرئاز ئەنسىرىتىپ قويغان» دېيىلگەن.

ماقالىدە خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە ئۇكرائىنادىن ئالغان ھەربىي ئەسلىھەلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىنغان: «1985-يىلى ئۇكرائىنادا ياسىلىۋاتقان بىر ئاۋىئاماتكا سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن توختىلىپ قويۇلغان. كېيىن خىتايدىكى بىر ھەربىي ئائىلىنىڭ شىركىتى بۇ ئاۋىئاماتكىنى 20 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىپ داليەنگە يۆتكەپ كەتكەن. 2002-يىلى ئۇكرائىنا ئىنژېنېرلىرى خىتايدىكى بۇ ئاۋىئاماتكىنى قايتىدىن ياساشقا ياردەملەشكەن.خىتايدا ھازىر ئۇرۇش ئايروپىلانى دەپ قوللىنىۋاتقان J15 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەمەلىيەتتە بولسا رۇسىيەدە ياسالغان T10K تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلاندىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئايروپىلان بولۇپ، T10K ئايروپىلانى ئەسلىدە رۇسىيەدە ياسىلىپ ئۇكرائىناغا بېرىلگەن،ئۇكرائىنا كېيىن بۇ ئايروپىلانلارنى خىتايغا ساتقان. خىتاي ئۇكرائىناغا 2009-يىلى ‹ياۋا كالا› ناملىق دېڭىزدا سۇ ئاستى پاراخوتى،يەر يۈزىدە بولسا تانكا قىلىنىدىغان قوش ئىقتىدارلىق پاراخوتتىن تۆتنى زاكاز قىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇكرائىنا بۇ پاراخوتتىن ئىككىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى» دېيىلگەن.

خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىشى ھەققىدە توختالغان ياپونىيەلىك مۇستەقىل خىتاي ئىشلىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى يۈكى خانىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭچە خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىن ئەنسىرەۋاتقىنى بىرى ئۆزىنى ھەربىي جەھەتتىكى تۈرلۈك ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش ئىچىدە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى ھەمشىرىكىدىن ئايرىلىپ قىلىشى. يەنە بىرى بولسا قىرىمدا جاراڭلاۋاتقان مۇستەقىللىق ئاۋازلىرىنىڭ خىتايدىن ئۆز مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە تۇتىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت دەپ ئويلايمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.