قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدە رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن، يەنى 11-مارت كۈنى قىرىمنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى.
نۆۋەتتە ئۇكرائىنىيە كرىزىسى كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، قىرىمدىكى نوپۇس جەھەتتە رۇسلار ۋە ئۇكرائىنلاردىن كېيىن 3-ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركىي خەلق قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەتبۇئاتلار قىرىم تاتارلىرىنىڭ قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە قارشى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قىرىم كرىزىسىنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن ئۆز تەقدىرىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقاتماقتا.
رۇسىيە تەرەپ پارلامېنت ئەزالىرى قوللىغان قىرىم مۇستەقىللىق خىتابنامىسى
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم پارلامېنتىنىڭ قىرىمنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىگە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان 81 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 78 نەپىرى قوللاش ئاۋازى بەرگەن بولۇپ، ئۈچ ماددىدىن تەركىب تاپقان مەزكۇر مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدە رېفېرېندۇمدىن كېيىن، قىرىمنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەركىبىدىكى ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئالاھىدە جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
قىرىم پارلامېنتىدىكى يىغىندا يەنە قىرىم تاتارلىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ مائارىپىنى قوللاش پوزىتسىيىسىمۇ بىلدۈرۈلگەن.
قىرىم تاتارلىرىنىڭ بۇ رېفېرېندۇمنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتىمۇ قىرىمغا كەلگەن.
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، يەنى 6-مارت كۈنى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 16-مارت كۈنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدە قارار چىقىرىشنى بېكىتكەن ئىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە قىرىم پارلامېنتى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدە بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى، ئەمما 10 كۈندىن كېيىن رېفېرېندۇم، يەنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قارار قىلدى.
قىرىم دائىرىلىرى يەنە موسكۋادىن قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ئۇكرائىنىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسېنىيۇك قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدىكى رېفېرېندۇمنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
قىرىم پارلامېنتىنىڭ رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈش قارارىدىن كېيىن، 6-مارت كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مەزكۇر رەفېرېندۇمنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قىرىم تاتارلىرى رېفېرېندۇمغا ۋە رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا قارشى
قىرىم ئاھالىسىنىڭ 58% نى رۇسلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، قىرىم ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدا رۇسلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قىرىم پارلامېنتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىگە نارازى بولغاندىن سىرت يەنە قىرىمدىكى نوپۇس بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان خەلق قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي مەجلىسى قارار قوبۇل قىلىپ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ 16- مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى رېفات چۇباروۋ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مەزكۇر رېفېرېندۇمنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئازادلىق رادىئوسى ئۇكرائىن شۆبىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم تاتارلىرى مەجلىسىنىڭ رەھبىرى رېفات چۇباروۋ قىرىمغا ب د ت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش قوشۇنلىرىنى كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ، «قىرىم تاتار خەلق مەجلىسى قىرىمنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى مۇنداق رېفېرېندۇمغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كوچىلاردا ئەسكەرلەر يۈرگەن، قانۇنسىزلىق مەۋجۇت شارائىت ئاستىدا ھەر قانداق رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈش قىرىمنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ» دەپ كۆرسىتىش بىلەن قىرىم تاتارلىرىنىڭ جۈملىدىن قىرىمدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ رېفېرېندۇمنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
قىرىم تاتارلىرى كىملەر؟
قىرىم تاتارلىرى قىرىمنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قىرىم خانلىقى مەۋجۇت بولغان. قىرىم خانلىقى 18-ئەسىردە رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1921-1946-يىلى قىرىم تاتارلىرىنى ئاساس قىلغان قىرىم سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان. ئەمما، 1944-يىلى ستالىن قىرىم تاتارلىرىنى گىتلېر گېرمانىيەسى بىلەن ھەمكارلاشتى، دېگەن جىنايەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، 1946-يىلى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلىپ، رۇسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئوبلاستىغا ئايلاندۇرۇلغان. ئەمما 1954-يىلى خرۇشېۋ قىرىم ئوبلاستىنى ئۇكرائىنىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە بېرىۋەتكەن. 1991-يىلى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇكرائىنىيەگە قوشۇلغان ئىدى. قىرىم تاتارلىرى 1991-يىلىدىن كېيىن قىرىمغا كۆپلەپ قايتىشقا باشلاپ، ھازىر ئۇلارنىڭ سانى 260 مىڭغا يەتكەن.
قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى
قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى 1991-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، قىرىم ۋە باشقا جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى زەفەر قاراتاي، مەزكۇر مەجلىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى قىرىم تاتارلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. قىرىم تاتارلىرى مەجلىسىنىڭ سابىق رەئىسى مۇستافا جەمىل قىرىم ئوغلى ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسىدۇر.
زەفەر قاراتاي ئەپەندى يەنە قىرىم تاتارلىرىنىڭ قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۇكرائىنىيە تەۋەسىدە قېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنىيە كرىزىسى بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
ھازىر قىرىمدىن باشقا يەنە ئۇكرائىنىيەنىڭ شەرقىدىكى دونېتسكىي، خاركوۋ قاتارلىق رۇسلار كۆپ جايلاشقان شەھەرلەردىكى رۇسلار كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئىپادە قىلماقتا. ئۇلار ۋاقىتلىق ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى.
11-مارت كۈنى قوغلىۋېتىلگەن پرېزىدېنت ۋېكتور يانۇكوۋىچ رۇسىيەنىڭ دون روستوۋ شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنىيەگە قايتىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ: «مەن شارائىت يار بەرسىلا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي چوقۇم كىيېفقا قايتىپ بارىمەن. مەن قانۇنلۇق پرېزىدېنت ۋە ئالىي باش قوماندانلىق سالاھىتىمدە قالىمەن، مەن ھايات، مېنى ۋەزىپەمدىن ئاساسىي قانۇن بويىچە قالدۇرمىدى» دېگەن ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنىيە ئۆكتىچى ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ئىقتىسادىي ياردىمىنى «باندىتلارغا بېرىلگەن ياردەم» دەپ ئىزاھلىغان.
قىرىمنىڭ رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈشىگە بىر قانچە كۈن قالغان بۇ پەيتتە قىرىم كرىزىسى يەنىلا جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا پرېزىدېنت ئوباما رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن يەنە بىر قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشتى. پۇتىن يەنە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەنمۇ سۆزلەشكەندە ئۆز مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇردى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11- مارت كۈنى ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ دۆلەتلەرنىڭ 1994-يىلى ئۇكرائىنىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇداپېشىت مېموراندۇمىغا ئىمزا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ قىرىمغا قوشۇن كىرگۈزۈپ، مەزكۇر مېموراندۇمغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىن ھەربىي قوللاش تەلەپ قىلدى.
ئۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۇكرائىنىيەدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ھەر قانداق ھەرىكىتى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىشىكنى تاقاپ قويىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
كېررى يەنە ئەگەر موسكۋا ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىسە، ئۆزىنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېرون رۇسىيەنىڭ ئېمبارگوغا ئۇچراش-ئۇچرىماسلىقىغا بىر قانچە كۈن قالغانلىقى، ئەگەر رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرىگە قۇلاق سالمىسا، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگونىڭ ئاپتوماتىك ھالدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
كېلەر يەكشەنبە كۈنى، يەنى 16-مارت قىرىمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان،جۈملىدىن ئۇكرائىنىيە، قىرىم تاتارلىرى، قىرىمدىكى ئۇكرائىنلار ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى قارشى تۇرۇۋاتقان رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈندۇر. ئانالىزچىلار ئەگەر رېفېرېندۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، قىرىم ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇكرائىنىيە ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.