قىرىم تاتارلىرى 15-ئەسىردە قىرىم خانلىقىنى قۇرۇپ، 16-ئەسىرگە كەلگەندە رۇس-موسكۋا دۆلىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۈچ ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا بولدى.
18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قىرىم خانلىقى رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ قىرىم رۇسىيەنىڭ زېمىنى بولدى ۋە قىرىم تاتارلىرى تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىقى 1944-يىلى ئۇلارنىڭ ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىرىمدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدۇر. ئۇلار يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلەلىگەن ئىدى. قىرىم تاتارلىرى ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى.
قىرىم 18-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا رۇسىيەنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن قىرىم تاتارلىرىنىڭ تۈركىيەگە،يەنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشتى. 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يېرىمىدا قىرىم يەنە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تالىشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك قىرىم ئۇرۇشى يۈز بەردى. بۇ ئۇرۇشلار جەريانىدا تاتارلار كۆپلەپ ئوسمانلى تەۋەسىگە كۆچتى. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋاللىرى 20-ئەسىردىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتى.
ئاسان سابىرى ئاۋازوفنىڭ «قىرىمدىكى مىللىي ھەرىكەتلەر» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1917-يىلى چار پادىشاھ يوقىتىلغاندىن كېيىن، قىرىمدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى زىيالىيلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىرىمدا ئۆز مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى.
قىرىم تاتارلىرىدىن كېلىپ چىققان زىيالىي زەفەر قاراتاي ئەپەندى قىرىم تاتارلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تارىخىي ئۆتمۈشى ھەققىدە توختىلىپ، 1917-يىلى 1-2-نويابىر كۈنلىرى قىرىم تاتارلىرىنىڭ قۇرۇلتاي تەشكىلاتى سىمفېرېپول شەھىرىدە قۇرۇلتاي چاقىرىپ، رەسمىي مۇستەقىل قىرىم خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قىرىم تاتار زىيالىيلىرىدىن تاتارلاردىن نومان چەبىجاھان قىرىم خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، جەفەر سەيدەخمەت ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى بولدى. بىراق، بۇ جۇمھۇرىيەت بىر يىل مەۋجۇت بولغاندىن كېيىن، بولشېۋىكلار قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، 1918-يىلى فېۋرال ئېيىدا نومان چەبىجاھان ئېتىپ تاشلاندى. قىرىم خەلق جۇمھۇرىيىتى يوق قىلىندى. جەفەر سەيدەخمەت چەتئەلگە قېچىپ قۇتۇلدى.
ئارىلىقتا ئۇچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1921-يىلى، موسكۋانىڭ قوللىشى بىلەن قىرىم تاتارلىرى ۋە رۇسلارنى ئاساس قىلغان قىرىم سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، تاكى 1946-يىلىغىچە مەۋجۇت بولدى. مەزكۇر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتتىمۇ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق رەھبەرلەر تاتارلاردىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، تاتارلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىدى.
1942-1943-يىللىرى قىرىم گىتلېر قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. سوۋېت ئارمىيىسى 1944-يىلى قىرىمنى قايتا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 1944-يىلى ماي ئېيىدا ستالىن ھۆكۈمىتى قىرىم تاتارلىرىنى گىتلېر گېرمانىيەسى بىلەن ھەمكارلاشتى، «ۋەتەن خائىنلىرى» دېگەن جىنايەت بىلەن پۈتۈنلەي قىرىمدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلدى. نەتىجىدە، قىرىم تاتارسىز قىرىمغا ئايلىنىپ، ئۇلارنى ئورنىغا رۇسلار ۋە ئۇكرائىنالار تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى.
1946-يىلى، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، رۇسىيەنىڭ بىر ئوبلاستىغا ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.
قىرىم تاتارلىرى ئارىلىقتا يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلاپ، بارغانسېرى كۆپىيىپ ھازىرقى 260 مىڭ نوپۇسقا يەتتى.
قىرىم 1954-يىلى ئۇكرائىناغا تەۋە بولدى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، ھازىرغىچە 60 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ، ئاخىرى قىرىمدىكى رۇسلار بۇ زېمىننى قايتىدىن رۇسىيەگە قوشۇشنى قولغا كەلتۈردى.