رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن قىرىمنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا ئائىت ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنىڭ رۇسىيە ھەربىيلىرىنىڭ ئارقىدا تۇرۇشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق، ئۇ رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىدىيىسىنى ئىپادىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ، رۇسىيەنى ئاقلىدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن : «مەن، بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ قىرىملىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش شارائىتلىرىنى تەمىنلەش، ھازىرقىدەك ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بولۇۋاتقاندەك ئىشلارنىڭ بولماسلىقى، مىللەتچىلەرنىڭ قوراللىق ئەترەتلىرىنىڭ بولماسلىقىنى تەمىنلەش ئىكەنلىكىنى يوشۇرمايمەن.» دەيدۇ.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەلۋەتتە، قىرىمنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلغۇچىلىرىنىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ ھەربىي خادىملىرىمىز تۇردى. مەن خۇددى تەكىتلىگەندەك ئۇلار ناھىيە توغرا، قەتئىي ۋە كەسپىي ھالدا ھەرىكەت قىلدى، باشقىچە يول بىلەن راستچىل، ئاشكارا ۋە لايىق رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئويلىرىنى ئىپادىلىشىگە ياردەم بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.» دەيدۇ.
ۋلادىمىر پۇتىن يەنە قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىشنىڭ رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتىدىن قورقۇشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ،«بىزنىڭ قىرىم ھەققىدىكى قارارىمىز بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكى، ئەگەر بىز ناتو ۋە ئوكرائىناغا قارىتا ھېچنېمە قىلمىساق، ئۇلار بىزگە جىم تۇر، بۇ، سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيىشەتتى ۋە ناتو نىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى، شەرەپلىك رۇس دېڭىز كۈچلىرىنىڭ شەھىرىدە بولاتتى. بۇ بىز ئۈچۈن جۇغراپىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئەمەلىيەتتە رۇسىيە قارا دېڭىز بويىدىن ھەيدەپ چىقىرىلاتتى.» دەيدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ناتو بىلەن بولغان قارا دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق، يەنى ئۇكرائىنانىڭ ناتو بىلەن بىرلىشىشى رۇسىيە ئۈچۈن خەۋپلىك ئىدى. شۇ سەۋەبتىن قىرىمنى ئىگىلىۋالىدۇ خالاس.
قىرىم كرىزىسى پارتلاپ، قىرىمدىكى بىر قىسىم جايلار قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا، ھەمدە قىرىم رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزگەن ۋە قىرىمدىكى كۆپ جايلار رۇس قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندە ئامېرىكا، ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ناتو رۇسىيەنى قىرىمغا قوشۇن ئەۋەتكەنلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن شۇنىڭدەك قىرىمدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما، ۋلادىمىر پۇتىن باشلىق رۇسىيە رەھبەرلىرى قىرىمدىكى بۇ ھەرىكەتلەردە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىدا تۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
ئەمما، ئەنە شۇ ۋەقەلەر بولۇپ، بىر ئاي ئۆتكەندە پۇتىن ئاخىرى بۇنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىدە يەنە ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغاندا، دونېتسك، لۇگانسك قاتارلىق ئوبلاستلاردا رۇسىيە ھەربىيلىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. بىراق، غەرب دۆلەتلىرى ئىزچىل تۈردە دونېتسك قاتارلىق شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەقەلەرگە رۇسىيە ھەربىي خادىملىرى ۋە ئالاھىدە خىزمەت خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17-ئاپرېل كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇكرائىنادىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسى ھەققىدىكى سۆھبىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، سۆھبەتكە رۇسىيە تەرەپ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋانىڭ ئوكرائىناغا قوشۇن كىرگۈزىدىغان ھېچقانداق ئارزۇسى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. لاۋروۋ بۇ سۆھبەتتە خۇددى پرېزىدېنتى پۇتىنغا ئوخشاشلا ئۇكرائىنا زېمىنىدا رۇسىيە ھەربىيلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.
لاۋروۋ سۆزىدە ئۇكرائىنلارنى قېرىنداش خەلق دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇ «بىزنىڭ قوشۇنلىرىمىزنى ئوكرائىناغا، بىزگە دوست دۆلەتنىڭ زېمىنىغا، بىزگە قېرىنداش خەلق ياشاۋاتقان زېمىنغا كىرگۈزىدىغان ھېچقانداق ئارزۇيىمىز يوق، بۇ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە قارشىدۇر» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتتە ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇكرائىنا بىرلىكتە ئۇكرائىنائى كرىزىسنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقماقچى ئىدى. سۆھبەتتە تۆت تەرەپ، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پۈتۈشكەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كېررى تۆت سائەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، قانۇنسىز قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ئىگىلىۋالغان بىنالارنى تىنچلىق بىلەن بوشىتىپ چىققان بارلىق نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرن كەچۈرۈم قىلىش ۋە باشقا تەرەپلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەرەپلەرنىڭ باشقا مەسىلىلەر بويىچە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ھەققىدىمۇ پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىندى.