ئىستانبۇلدا تەشۋىقات ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىستانبۇلدا پروگرامما تارقىتىۋاتقان قۇددۇس تېلېۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلىشقا باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە بۇنىڭدىن كېيىن قۇددۇس تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 20:00 دىن 22:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا 2 سائەت مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلىدىكەن.
بۇ پروگراممىنىڭ تارقىتىلىشى توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيە تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن قۇددۇس تېلېۋىزىيىسى مەسئۇللىرى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىشقا كېلىشىم قىلىشقان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ھەر چارشەنبە كۈنى كەچتە 20:00 دىن 22:00 گىچە تۈرك تىلىدا 2 سائەت، 00:00 تىن 01:00 گىچە بىر سائەت ئۇيغۇر تىلىدا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە پروگرامما تارقىتىشنى قارار قىلغان. ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيە تەرىپىدىن تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان ھەپتىلىك تېلېۋىزىيە خەۋىرى بۇنىڭدىن كېيىن قۇددۇس تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىلىدىكەن.
25-دېكابىر كەچتە بۇ ھەپتىلىك چارشەنبە كۈنىدىكى پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ 2 سائەتلىك پروگراممىغا تۈرك ئاخباراتچى مۇستافا ئۇزۇن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ پروگراممىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى. پروگرامما جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
بۇ پروگراممىلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى ئىنتېرنېت تور ئارقىلىق پروگرامما تارقىتىۋاتقان ئىستىقلال-رادىئو-تېلېۋىزىيە تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ تارقىتىلىدىكەن.
قۇددۇس تېلېۋىزىيىسى ئىلگىرى تور ئارقىلىق پروگرامما تارقىتىۋاتقان بولۇپ يېقىندىن بۇيان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بىۋاسىتە پروگرامما تارقىتىشنى باشلىغان.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىشتا مۇشۇنداق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ كۆپ تارقىتىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ھەقتە بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ئېچىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بىر قانچە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە، قۇددۇس تېلېۋىزىيە قانىلىدىن ھەر كۈنى 4 سائەت پروگرامما تارقىتىشقا ۋاقىت ئاجرىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس كۈنى 24 سائەت پروگرامما تارقىتىدىغان تېلېۋىزىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.