8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەنمەكتە. شۇ قاتاردا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئۆز بايرىمىنى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېخى يېقىندىلا جەنۋەدىكى 13 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كىنو فېستىۋالى ۋە مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بېرىپ، مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن 8 - مارت كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 8 - مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارنى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بايرام بىلەن تەبرىكلىدى، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي، مىللىي، كىشىلىك ۋە باشقا تۈرلۈك ھوقۇقلىرى ھەم ئەركىنلىكى يولىدا تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان، تۈرلۈك بېسىم - زۇلۇملارغا يولۇقۇپ، ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا بولغان ئىزگۈ - تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە بۇ يىل 5 - ئايدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر كۇرستا ئاياللار ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس دەرس - پروگراممىلىرىنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭلار.
0:00 / 0:00