رابىيە قادىر خانىم : نورۇز خاسىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بەخش ئەتكۈسى

0:00 / 0:00


ئىخلاسمەنلىرىمىزنى نورۇز خاسىيىتى بىلەن قۇتلۇقلايمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق قۇتلۇق بايرام كۈنلىرىدە بولۇپمۇ يېڭى ئارزۇ ۋە ئارمانلارغا تولغان يىل بېشى نورۇزدا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم مەيلى قايسى جايدا پائالىيەتتە بولمىسۇن رادىيومىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالاملىرىنى ۋە ئىزگۈ - تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۈگۈن نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىم بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان، قان تۆككەن ئەزىمەتلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن چوڭقۇر ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ئۆتكەن بىر يىلنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرەش يولىدا ھەممىدىن كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتكەن، قان تۆككەن شۇنداقلا ھەممىدىن شىددەتلىك باستۇرۇشقا ئۇچرىغان بىر يىل بولدى. دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغانغانلىقى تېخىمۇ روشەن نامايان بولغان بىر يىل بولدى» دەپ خۇلاسىلىدى. ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم يەنە، بارلىق ئۇيغۇرلارنى يېڭى يىلنى ئۈمىدلىك كۈتۈۋېلىشقا چاقىردى.

نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۇزلۇق تىلەكلىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.