رابىيە قادىر خانىم، رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر زىيارەت داۋامىدا قىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق قول بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر سۆزلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىغە سېلىنغان تەھدىت ۋە تۈركىيە جامائەت پىكرىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ تەنقىدلىدى. رابىيە خانىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ھېچقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلەردىن بىئارام بولغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە خەلقىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىغە قارىتا ئىنسانىي ۋە قېرىنداشلىق ياردىمىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ ۋە ئۇلغىيىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى، ئۈچ كۈندىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىققەت مەركىزىدە، بولۇپمۇ ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمى تۈركىيە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ھەقتە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئاساسلىقى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىغە سېلىنغان تەھدىت دەپ ئەيىبلىدى.

رابىيە خانىم ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تىلغا ئېلىنغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە تېررورچى بىر تەشكىلاتنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەردوغان يولغا چىقىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا بىر يېپىق مەكتۇپ يوللىغان، مەكتۇپتا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى نۆۋەتتىكى بىرقانچە جىددىي مەسىلە بايان قىلىنغان ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان. رابىيە خانىم مەزكۇر مەكتۇپتا بايان قىلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئەردى.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئەركىن ئاخبارات ئەمەسلىكى ۋە تەشۋىقات قورالى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان رابىيە خانىم، خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى كەمتۈك ئېلان قىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇنىڭغا تۈركىيە باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ سۆزلىرىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى. رابىيە خانىم خەۋەرلەردە نېمە دېيىلىشىدىن قەتىنەزەر تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا ھېسداشلىق ۋە ياردىمىنىڭ قان ۋە ئېتىقاددىن كەلگەنلىكىنى، شۇڭا تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ياردىمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئۇلغىيىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، «شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراۋىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىر - ئىككى قېتىملىق سۆھبەتتىكى ئىجابىي ياكى سەلبىي سۆزلەرنىڭ بۇ داۋانىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى»نى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.