رابىيە قادىر خانىم خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ستوكھولمغا يېتىپ كەلدى

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قاتار سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم بۈگۈن ستوكھولمغا يېتىپ كەلدى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ھەمدە مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن باشقا ئەللەردىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ئارلاندا خەلقئارا ئايرودرومىغا يىغىلىپ رابىيە خانىمنى كۈتۈۋالدى. رابىيە خانىم كۈتۈۋېلىشقا چىققان ھەر ساھە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە سۆز قىلدى

15 - ۋە 16 - ئىيۇن كۈنلىرىگە پىلانلانغان بۇ پائالىيەتكە رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستان، گېرمانىيە، تۈركىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ قىلىندى ۋە ئارقا - ئارقىدىن شىۋېتسىيەگە يېتىپ كەلدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «دىيار» ئانسامبىلىمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاتاپ مەخسۇس تەييارلىغان مىللىي سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەگە قەدەم تەشرىپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ۋەكىلى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شەنبە ۋە يەكشەنبە ئىككى كۈنگە پىلانلانغان بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپى ناھايىتى زىچ ۋە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خاتىرىلەش مۇراسىمى، كونسېرت، مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەر بىلەن تەجرىبە - ساۋاقلارنى خۇلاسىلەش ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى بېسىلىدىغان قەدەملەر ھەققىدە تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان.