رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنى نورۇز ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە بۇ يىلىمۇ باشقا يىللاردىكىگە ئوخشاشلا داغدۇغىلىق نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق نورۇزنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىمۇ بار.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى زوفېڭ تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرىنىڭ بۇ قېتىملىق تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنىڭ ساما ئۇسسۇلىنى كۆرگەندىن كېيىن تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، شۇڭا بۇ يىل تۈركىيىنىڭ ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق نورۇز پائالىيىتىگە ئۇلارنىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

زوفېڭ يەنە مۇخبىرنىڭ «ئۇيغۇر كادىرلارنى ناماز قىلغىلى قويمايدىكەنسىلەر، ئۇ يەردە دىنىي بېسىم بار ئىكەنغۇ» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ماركسىزم - لېنىنىزم - ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسى بىر دىنىي ئېتىقاد. بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان كادىرلار ناماز ئۆتىسە بولمايدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى 20 - چىسلا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 21 - چىسلا تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ت ر ت ئاۋاز قانىلىدا باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىللە بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىلىدىغان نورۇزلۇق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتناشتى. ئىگىلىگەن ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 23 - چىسلا ئەسكى شەھىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر نورۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 24 - چىسلا ئىستانبۇلدا ئويۇن قويغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىدىكەن.

بىز ئىگىلىگەن ئىشەنچىلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر بەش خىتاينىڭ نازارىتىدە بولۇپ، پاسپورتى ئۇلارنىڭ قولىدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ سەھنە، مېھمانخانا ۋە تاماقخانىغا ئوپچە بارغاندىن باشقا ئەركىن پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن ئىكەن.

بۈگۈن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردە باشقا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى. بىز نورۇز پائالىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نورۇزغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.