ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن روشەن ئابباس خانىم يېقىندا ئۆزى ئىشلەپ كېلىۋاتقان شىركەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى بەزى ئىشلىرىنى بېجىرىش مەقسىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن ئىدى.
روشەن ئابباس خانىم رىياد شەھىرىدىكى ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئۇيغۇرلارنى ئىزدىگەن ۋە ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز روشەن ئابباس خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدىگەن ئىدۇق. ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى چوڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋە چوڭ-چوڭ شىركەتلەردە ئىشلەيدىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەزى دۆلەت ئەربابلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.