رۇس ساياھەتچىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رازۋېدكىلىق مەلۇماتلارنى توپلاش بىلەن شۇغۇللانغان

0:00 / 0:00

مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دائىم باشقا مەملىكەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يەر بايلىقلىرىنى بۇلاپ-تالاش ھەم شۇلارنىڭ ھېسابىغا بېيىش، ئاھالىسىنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش، خورلاش، ئېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى ياخشى مەلۇمدۇر.

بۇ جەرياندا ئۇلار ھەربىي كۈچ قوللىنىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ تۇرغان. ئەنە شۇنداق مەملىكەتلەرنىڭ بىرى رۇسىيە، بولۇپمۇ 19-ئەسىردە ھازىرقى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە رازۋېدكا ئىشلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغان ئىدى. چار رۇسىيىسى ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە قالپىقى ئاستىدا مەزكۇر رايونلارغا ئارقا-ئارقىدىن مەخسۇس ساياھەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇ يەرلەر ھەققىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىلىك، ھەربىي جەھەتلەردىن ئىنتايىن مۇھىم مەلۇماتلارنى توپلىغان. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، بۇ مەلۇماتلار رۇسىيىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ مەزكۇر رايونلارنى تېز ۋە ئاز چىقىملار بىلەن ئىشغال قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك ياراتتى.

ھازىر ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مانا شۇ چۇقان ۋەلىخانوف، نىكولاي پرژېۋالسكىي، لاۋر كورنىلوف، سېميېنوۋ تيانشانسكىي، گرىگورىي پوتانىن، ۋلادىمىر ئوبرۇچېف، مىخايىل پېۋتسوف، گرىگورىي گرۇم-گرىژىمايلو، ۋسېۋولود روبوروۋسكىي قاتارلىق رۇسىيە ساياھەتچىلىرى يۈرگۈزگەن ئېكىسپېدىتسىيىلەرنىڭ ئەسلى مەقسەتلىرى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار پەيدا بولماقتا.

يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقسوت سېرغالىيېفنىڭ «جاسۇسلار، چۇقان ۋەلىخانوف ۋە لاۋر كورنىلوف ھەققىدە» ناملىق ماقالىدە تارىختا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان چۇقان ۋەلىخانوف ۋە لاۋر كورنىلوفلارنىڭ قازاق دالاسىدىن كېلىپ چىققانلىقى تەكىتلىنىپ، ئۇلارنىڭ قازاق يەرلىرىنى ئۆز تەركىپىگە ئالغان رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش مەقسىتىدە خەتەرلىك ئېكىسپېدىتسىيىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي رايونلارنى ئىگىلەشتە ئەنگلىيە مەنپەئەتلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقى، ئىنگلىز جاسۇسلىرىنىڭ ئورېنبۇرگ، بۇخارا، خىۋا، ماڭغىشلاق، يەتتىسۇ يەرلىرىدە رازۋېدكىلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاشتىن تاشقىرى ئۆز «رىقابەتچىلىرى» نى جىسمانىي يوقىتىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە گۇمان بولغانلىقى ئېيتىلغان. ۋىتكېۋىچ، كىرىللوف قاتارلىقلارنىڭ ھەم ئۇلار توپلىغان بارلىق ھۆججەتلەرنىڭمۇ ئاسىيا ساياھىتىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، ھەتتا ن. پرژېۋالسكىينىڭ مەركىزىي ئاسىيادا ئىككى ئىمپېرىيە مەنپەئەتلىرىنىڭ توقۇنۇشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ رۇسىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ بۇ رايوننى تالاشقانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەركىزىي ئاسىيا رايونىغا گېرمانىيىنىڭمۇ قىزىقىشى كۈچىيىپ، نېمىسلار تىجارەتچى، ئالىم ۋە باشقىلار ئىسىملىرى ئاستىدا كىرىپ، رېزۋېدكىلىق مەلۇماتلارنى توپلاش بىلەن شۇغۇللانغان.

م. سېرغالىيېف چ. ۋەلىخانوفنىڭ قەشقەرىيىگە قىلغان ئېكىسپېدىتسىيىسىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە رۇسىيە ئۈچۈن ئانچە تونۇش بولمىغان ئەلنىڭ جۇغراپىيىسى، تارىخى، ئاھالىسى، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى، سانائىتى ۋە سودىسى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ مەلۇماتلارغا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئاساسىدا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىتى ھەققىدە چوڭ ھۆججەت تەييارلانغان ھەم ئۇ 1864-يىلى پادىشاھ 2-ئالېكساندىرغا تاپشۇرۇلغان. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، چ. ۋەلىخانوفنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى شۇنچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولغانكى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزى توپلىغان رازۋېدكىلىق مەلۇماتلارنى ساياھەت جەريانىدا يېزىشقا مۇمكىنچىلىك بولماي، بەلكى كېيىن بىر نەچچە ئاي داۋامىدا يېزىپ تۈگەتگەن. م. سېرغالىيېف چ. ۋەلىخانوفنىڭ شۇ ۋاقىتتا كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقىغا ھازىر دېگەندەك توغرا باھا بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ شۇنداقلا يەنە بىر ساياھەتچى ل. كورنىلوفنىڭ ئۆز ۋاقتىدا پادىشاھ رۇسىيىسىنىڭ باش قوماندانى، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىرقى قارىغاندا ئوبلاستىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئانىسىنىڭ قازاق ئەۋلادىدىن ئىكەنلىكىنى، ھازىر رۇسىيىدە قازاقتىن كېلىپ چىققان كورنىلوف ئەۋلادلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گېنېرال ل. كورنىلوف بەش يىل ئارىلىقىدا بىردە مۇسۇلمان، بىردە سودىگەر، بىردە ساياھەتچى نىقابى ئاستىدا پېرىسىيە، ئافغانىستان، خىتاي، ھىندىستان، ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقىمۇ ئەللەرنى ئارىلاپ چىققان. بۇ ساياھەتلەردىن توپلىغان ماتېرىياللىرىنى «تۈركىستان ھەربىي رايونى بىلەن چېگرىداش مەملىكەتلەرگە ئائىت مەلۇماتلار» ناملىق ئەمگىكىدە، شۇنداقلا 1901-يىلى نەشر قىلىنغان «قەشقەرىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاۋىدا ئېلان قىلغان.