رۇسىيە بىلەن ئىران ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

0:00 / 0:00

سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئىران پايتەختى تېھراندا، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۈسەيىن دېھقان بىلەن رۇسىيە-ئىران ھەربىي ھەمكارلىقلىرى مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مەزكۇر ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. تېھران بىلەن موسكۋا ئارىسىدىكى بۇ خىل ھەربىي ھەمكارلىق دىققەت قوزغىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ«ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق» ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شويگۇ ئىران بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەزمۇنى دائىرىسىگە ئۆزئارا ۋەكىللەرنى ئەۋەتىش، ئىككى دۆلەت ھەربىي قوماندانلىق شىتابلىرى ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ھەربىي مانېۋىرلارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىش، ھەربىي كادىرلارنى تەربىيىلەش، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ئىران ۋە رۇسىيە پورتلىرىغا كىرىش ھەم باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى يەنە رۇسىيەنىڭ ئىران بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئارىسىدا سەمىمىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى شەرھلىگەن.

ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۈسەيىن دېھقان بولسا رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۈچلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە«رايون ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى قۇدرەتلىك رۇسىيە ۋە قۇدرەتلىك ئىراننىڭ بىرلىكتە خەلقئارا بىخەتەرلىك ھەم رايون مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشتە ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

بۇ قېتىم ئىران بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىلغار قورال-ياراق سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىش ۋەقەسى مەۋجۇت ئىدى.

بىكار قىلىنغان كېلىشىم مەسىلىسى

2007-يىلى رۇسىيە بىلەن ئىران ئارىسىدا رۇسىيە تەرەپ ئىرانغا 800 مىليون دوللار قىممىتىدە بەش يۈرۈش «س-300» تىپلىق زېنىت راكېتا سىستېمىسى سېتىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 2010-يىلى، 9-ئىيۇن كۈنىدىكى ئىرانغا قورال-ياراق ۋە ھەربىي تېخنىكا سېتىپ بېرىشنى چەكلەش قارارىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، موسكۋا ئىران بىلەن تۈزگەن مەزكۇر كېلىشىمنى بىكار قىلىۋەتكەن ئىدى. ئىران شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە موسكۋادىن بۇ كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ كېلىشىمنىڭ ئەسلىدە ب د ت نىڭ قارارىدىن بۇرۇن ئىمزالانغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ھەتتا ئىران تەرەپ رۇسىيەنىڭ نېفىت شىركىتى ئۈستىدىن 4 مىليارد دوللارلىق زىيان مەسىلىسى بويىچە ئەرز قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرى ئاساسىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ۋە ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالىشىدىن كېيىن، رۇسىيە ئىراننى ئاشۇ 2010-يىلى بىكار قىلىنغان كېلىشىم بويىچە س-300 ۋە س-400 تىپلىق راكېتا سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئىران مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، بۇ قېتىمقى رۇسىيە ۋە ئىران مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىدە مەزكۇر بىكار قىلىنغان كېلىشىمنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش مەسىلىسىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.

رۇسىيە تەرەپ ئىران بىلەن تۈزگەن س-300 تىپلىق راكېتا سىستېمىسى سېتىپ بېرىش كېلىشىمنى بىكار قىلغاندىن كېيىن رۇسىيە قورال-ياراق سانائىتى ساھەسىدىكىلەر ۋە ھەربىيلەر ئارىسىدا رۇسىيەنىڭ مەزكۇر سودىدىن تارتقان ئىقتىسادىي زىيىنىدىن ئەپسۇسلىنىش پىكىرلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

«موسكۋا كومسومولى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر كېلىشىملەرنى بىكار قىلىشتىن رۇسىيەنىڭ 13 مىليارد دوللار زىيان تارتقانلىقى پەرەز قىلىنغان.

غەربكە قارشى تۇرۇشمۇ؟

ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن غەرب، جۈملىدىن ناتو بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار كۈچەيدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەر رۇسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي ئېمبارگولار قوللىنىپ، رۇسىيە مالىيە-ئىقتىسادىي ئەھەتتىن قىيىنچىلىققا يولۇقتى. رۇسىيەنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ قوشنىسى تۈركىيە بىلەنمۇ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە غەرب بىلەن ئىزچىل ئىختىلاپنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ بىردىنلا ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى دىققەت قوزغىماي قالمىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىران بىلەن ئالتە تەرەپ ئارىسىدا ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە بەزى كېلىشىملەر ھاسىل قىلىنغان ئىدى. 17-يانۋار كۈنى بۇ خىل سۆھبەت يەنە داۋاملاشتى.

غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ ئۇران تاۋلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە،ئىران بولسا ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا ئىدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا موسكۋا بىلەن تېھران ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىغا ئائىت قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. «موسكۋا كومسومولى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكىغا قارشى دوستلىشىش: ئىران ۋە رۇسىيە رايون خاراكتېرلىك ھەربىي ھەمكارلىقنى ئويلىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئىككى تەرەپنىڭ مەزكۇر ھەمكارلىقىنىڭ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى يوشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىلدى.

رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ئانالىزدا رۇسىيە مۇتەخەسسىسى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ ئامېرىكىغا قارىتىلغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى س-300 تىپلىق راكېتا سىستېمىسى سودىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى شەرھلىگەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا موسكۋا-تېھران ھەمكارلىقىنىڭ غەربكە تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتسىمۇ، ئەمما رۇسىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ بى خىل مەقسىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئىپادىلىمىگەن. ئەمما، رۇسىيەنىڭ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىقى رامكىسى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىق، ئىراننىڭ بولسا خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە،ھەتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.