رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى خىتاي بىلەن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى. ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن ناتو بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپ يەنىلا ئۆتكۈر ھالەتتە تۇرۇۋاتقاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مانېۋىر دىققەتنى جەلپ قىلماقتا.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ مانېۋىرنى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى مەركىزىي ھەربىي رايونى قوشۇنلىرىنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ھاۋا قىسىملىرىنىڭ جەڭ قىلىش تەييارلىقىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش پائالىيىتى دەپ ئاتىغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ھەربىي مانېۋىردا 250 ھەربىي ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان شۇنىڭدەك 700 ھەر خىل ھەربىي تېخنىكا قوراللىرى ئىشقا سېلىنغان. رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەزكۇر مانېۋىرنىڭ تۆت كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە 12 مىڭ ھەربىي خادىم قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەزكۇر ھەربىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تەستىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ بۇ يىل 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «مەركەز - 2015» دەپ ئاتالغان چوڭ ھەربىي مانېۋىرنىڭ تەييارلىق ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيەنىڭ مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرى ناتونىڭ شىمالىي قۇتۇپ مانېۋىرى باشلىشىغا توغرا كەلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناتو نىڭ دۈشەنبە كۈنى باشلىغان شىمالىي قۇتۇب مانېۋىرىغا 100 ھۇجۇمچى ئايروپىلان ۋە 4 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىم قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر مانېۋىر تاكى 5 - ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ناتوغا ئەزا، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيە شۇنىڭدەك يەنە ناتوغا ئەزا ئەمەس، شۋېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە شۋېتسارىيەمۇ قاتنىشىدىكەن.
رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، يەنى 17 - مايدىن 21 - مايغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەلىرى بىرلىكتە 10 پاراخوت چىقىرىپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي بولۈگىدە، يەنى تۈركىيە، گرېتسىيە ۋە مىسىر ئارىسىدىكى دېڭىز رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.
رۇسىيە بىلەن خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدىن ناھايىتى يىراقتىكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا ئۆتكۈزگەن بۇ بىرلەشمە مانېۋىر ناتونىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. بىراق، رۇسىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولىي ئانتونوۋ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مەزكۇر بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋېرىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسلىكى، ۋە رايوندىكى جىددىلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما، خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ يىل 8 - ئايدا يىراق شەرقتىكى ياپون دېڭىزىدا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈشكەن ئىدى.
ئۇكرائىنا كرىزىسى جىددىيلەشكەندە كېيىن، رۇسىيە غەربنىڭ ئىمبارگولىرى تۈپەيلىدىن يېتىپ قېلىشقا ئۇچراپ، خىتاي بىلەن بولغان ئېنېرگىيە، سودا - ئىقتىسادىي ھەتتا ھەربىي - سىياسىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن ئىدى. 8 - 9 - ماي كۈنلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋا زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت يەنە بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇران تاۋلاش مەسىلىسىدە ئىزچىل غەرب بىلەن زىتلىشىپ كېلىۋاتقان ئىران بىلەن سۆزلىشىپ، ئىرانغا «س - 300»تىپلىق ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش راكېتا سىستېمىسى سېتىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى ئىران تەرەپتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. رۇسىيە تەرەپ مەزكۇر سودىنىڭ پات ئارىدا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى يەنىلا مۇقىمسىز ھالاتتە بولۇپ، گەرچە ئۇرۇش توختىغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ھەربىي ئايروپلانلىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگرالىرى ئەتراپىدا دائىم ئۇچۇپ يۈرۈشلىرى كۆرۈلۈپ تۇرماقتا ئىكەن.
رۇسىيە ناتونىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى دائىم ئىنكار قىلىۋاتقان بولۇپ، ناتونىڭ بالتىق دۆلەتلىرىدە مۇداپىئەنى كۈچەيتىشى ۋە شىمالىي قۇتۇپ مانېۋىرىنى باشلىشىغا قارىتا رۇسىيەنىڭ يۇقىرىقىدەك ھەربىي مانېۋىرلار ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.
0:00 / 0:00