رۇسىيەلىكلەر قايتىدىن ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشقا ئىنتىلمەكتە

0:00 / 0:00

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى 30 يىل ئىدارە قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە دىكتاتورىلىق بىلەن داڭ چىقارغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى، دۇنيا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ستالىن نۆۋەتتە رۇسىيەلىكلەر تەرىپىدىن قايتىدىن تۈرلۈك شەكىلدە ئەسلەنمەكتە، ھەتتا ئۇنىڭ ھەيكەللىرى ھەر قايسى رايونلاردا ئورنىتىش تەلەپلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

رۇسىيەنىڭ «سودىگەر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە كومپارتىيەسىنىڭ ھەر قايسى رايونلاردىكى شۆبىلىرى ۋە بىر قىسىم كومپارتىيىگە تەۋە ئەمەس ئاھالىلەر فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىغا ئۈلگۈرتۈپ، ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىغان.

ستالىن ھەيكىلىنى ئورنىتىش ئورلو شەھىرىدە تۇتۇش قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە كراسنويارسك، نىژنېنوۋگورود، ماخاچكالا كوممۇنىستلىرىمۇ ھۆكۈمەتتىن ستالىن ھەيكىلىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇمكى، 1923-1953-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىدارە قىلغان يوسىف ستالىن، 1953-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن نىكىتا خرۇشېۋ 1956-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ستالىننى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ، ئۇنى دىكتاتورىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە ستالىن قارىلىنىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەممە يەرلەرگە تىكلەنگەن ھەيكەللىرى بىرمۇ-بىر ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. خرۇشېۋ ستالىننى ئەيىبلەش ھەرىكىتىنى يەنە «شەخسكە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەت ستالىننىڭ ھەيكەللىرىنى چېقىپ تاشلاش ۋە ئۇنى تەنقىد قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.

گورباچوۋ دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاشكارىلىق باشلانغاندىن كېيىن ستالىننىڭ 30 يىللىق ھاكىمىيىتى جەريانىدىكى جىنايەتلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاشكارا قىلىندى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بولسا، ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىگە بالاسى -ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تەقىبلەشلەر، ئىچكى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق قاتارلىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر «ياۋۇز» ۋە «زومىگەر» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان ئىدى.

يىللار ئۆتۈپ، رۇسىيە ۋلادىمىر پۇتىن دەۋرىگە كىرگەندە، بولۇپمۇ، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسىيە بىلەن غەرب ئارىسىدا ئىختىلاپلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ستالىن دەۋرى ۋە ستالىننىڭ تۆھپىلىرىنى مەدھىيىلەش ھەم قايتىدىن گەۋدىلەندۈرۈش كەيپىياتلىرى مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا ئائىت كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلىنىپ، ئۇنىڭدا ستالىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيەسى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشىدا ئوينىغان رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. نەتىجىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ستالىننىڭ تارىختىكى رولى ۋە سىياسىي مۇساپىلىرى ھەققىدە قايتىدىن مۇنازىرىلەر كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.

بۇ يىل، يەنى 2015-يىلى، 9-ماي كۈنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىغا 70 يىل توشىدۇ. ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 9-ماي كۈنىنى دۆلەت بويىچە غالىبىيەت كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ كۈننىڭ بۇ يىل 70-قېتىملىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئالدىدا تۇرماقتا.

رۇسلار تەرىپىدىن ھازىرمۇ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىۋاتقان 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يىل 9-مايدا موسكۋا زور خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ۋلادىمىر پۇتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇنيۇن ۋە باشقىلارنى تەكلىپ قىلغان.

مەزكۇر خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ستالىن ھەيكىلىنى تىكلەش باشلانغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ «نېۋسرۇ» تورىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيەسى سوچى شەھىرىگە ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان شۇنىڭدەك مەزكۇر تەلەپنامىگە بىر قانچە مىڭ ئادەم ئىمزا قويغان. سوچى ئەسلىدە ستالىننىڭ ياخشى كۆرىدىغان دەم ئېلىش شەھىرى بولۇپ، بۇ يەردە ستالىننىڭ داچىسى جايلاشقان ئىدى. سوچىلىقلار 2008-يىلى بۇ شەھەرگە ستالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىلنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقان. بۇ يىل، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، يالتا شەھىرىگە 1945-يىلى، 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى يالتا يىغىنىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ستالىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇزىۋېلت، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چېرچىلنىڭ بىرگە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھەيكىلى ئورنىتىلغان.

يالتا يىغىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن ئورنىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئەلۋەتتە، بۇ يىغىن روھى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاينىڭ تەقدىرى، جۈملىدىن موڭغۇلىيە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سۆھبەتكە باغلىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرى ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە كوممۇنىستلىرى رۇسىيە دۇماسىدىن موسكۋا شەھىرىگە ستالىننڭ ھەيكىلىنى قايتىدىن ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ تەلەپ مۇزاكىرە ئۈستىدە تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيەنىڭ ۋلادىمىر، ساراتوۋ، لىپېسكىي ۋە باشقا ئوبلاستلىرىدا ھەم ياقۇتىيە جۇمھۇرىيىتىدە ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

رۇسىيە كومپاتىيەسى يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىن ۋولگاگراد شەھىرىنىڭ نامىنى قايتىدىن ستالىنگراد دەپ ئاتاشنى تەلەپ قىلغان.

ئىنتېرفاكىسنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، رۇسىيە كومپارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىۋان مېلنىكوۋ دۆلەتنى 30 يىل ئىدارە قىلغان ستالىن شەخسنىڭ موسكۋادا ھەيكىلى بولماسلىقى «ھەيران قالارلىق» ۋە «ياۋايىلىق» دېگەن. ئۇ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ستالىننىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بارلىقىنى چەتكە قېقىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى شەرھلىگەن. ئەلۋەتتە، رۇسىيەدە ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشقا قارشى تۇرۇشۇم ئومۇميۈزلۈك كەيپىياتتىن ئىبارەتتۇر.

ئانالىزچىلار قارىشىچە، ئۇكرائىنا كرىزىسى نەتىجىسىدە غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيەدە ستالىن، جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىنى سېغىنىش كەيپىياتى تېخىمۇ راۋاجلانماقتا. ھەتتا، رەئىسىگە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى، ھەتتا رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنى باشقىچە خىل شەكىلدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئائىت پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.